Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 7:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىدىن روھانىي بولغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە خەلقتىن، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئىبراھىمنىڭ نەسلى بولۇشىغا قارىماي، تاپقىنىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى يىغىشى كېرەك ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 7:5
15 Referans Kwoze  

چۈنكى، مالكىسىدىق ئىبراھىمنى قارشى ئالغاندا لاۋىيلار تېخى تۇغۇلمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنى يەنىلا ئەجدادى ئىبراھىمنىڭ ۋۇجۇدىدا، دەپ قاراشقا بولىدۇ.


مەن يەنە لاۋىيلارنىڭ كۈندىلىك تەمىناتىنى بەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان مۇناجاتچىلار ۋە باشقا لاۋىيلارنىڭ ئېتىزغا ئىشلەشكە كەتكەنلىكىنى بايقىدىم.


لېكىن نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغلۇڭ سالىدۇ» دېگەنىدى.


قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەسئۇل بولىسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار. چۈنكى مەن روھانىيلىق خىزمىتىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلدىم. باشقىلار مۇقەددەس جايغا يېقىن بارسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار.


ھېچبىر كىشى باش روھانىي مەرتىۋىسىگە ئۆزلۈكىدىن ئېرىشەلمەيدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا بۇ مەرتىۋىگە ئېرىشەلەيدۇ.


_ ئىسرائىللار ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامارلارنى روھانىيلىققا تەيىنلىگىن.


دېمەك، ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياقۇپ بىلەن بىرگە مىسىرغا بارغان ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي 66 كىشى ئىدى.


ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرگە جەمئىي يەتمىش كىشى ئىدى. ياقۇپنىڭ يەنە بىر ئوغلى يۈسۈپ بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان مىسىردا ئىدى.


خۇدا ئۇنىڭغا يەنە: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، كۆپىيىسەن. نۇرغۇن خەلقلەر سېنىڭ نەسلىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. سەن نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ ئەجدادى بولىسەن


ھەر ئۈچىنچى يىلى ئوندىن بىر ئۈلۈشۈڭلارنى بېرىدىغان ۋاقتىڭلاردا، ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ، لاۋىيلارغا، يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە ۋە تۇل ئاياللارغا بېرىڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردا تويغۇچە يېسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite