Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 7:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 لېكىن، ئەيسا مەسىھ مەڭگۈ ھايات بولغاچقا، ئۇنىڭ روھانىيلىقى مەڭگۈلۈكتۇر.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 7:24
9 Referans Kwoze  

تەۋرات قانۇنى ئاجىز بولغان ئىنساننى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلەيتتى، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن خۇدا قەسەم بىلەن قىلغان ئەھدىسى ئارقىلىق، مەڭگۈلۈك كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغلىنى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.


خالايىق بۇ گەپلەرنى چۈشەنمەي، ھەزرىتى ئەيسادىن: - مۇقەددەس يازمىلاردا: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئۆلمەي مەڭگۈ ھايات تۇرىدۇ» دېيىلگەن تۇرسا، سىز قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دېيەلەيسىز؟! ئىنسانئوغلى زادى كىم بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى.


ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا.


ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.


بىزگە مەلۇمكى، ئەيسا مەسىھ تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدۇ. ئۆلۈم ئەمدى ئەيسا مەسىھكە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ.


مەن ئۆزۈمگە سادىق بىر روھانىي تەيىنلەيمەن. ئۇ خاھىشىم ۋە ئىرادەم بويىچە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. روھانىيلىق قىلىشنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەخشەندە قىلىمەن. ئۇلار مەن تاللىغان پادىشاھ ئالدىدا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدۇ.


ئۇلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەيسا مەسىھمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلدى. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدىغان، مەڭگۈ مەدھىيىلىنىدىغان خۇدادۇر، ئامىن!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite