21 لېكىن، ئەيسا مەسىھ بولسا خۇدانىڭ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىڭ قەسەم قىلدى، ئۇ قەسىمىدىن ھەرگىز يانمايدۇ، سەن مەڭگۈلۈك روھانىيسەن» دېگەن قەسىمى بىلەن روھانىي بولدى.
پەرۋەردىگار ئۆزگەرتمەس قىلغان مۇنۇ قەسىمىنى: «مەڭگۈلۈك روھانىيدۇرسەن مالكىسىدىقنىڭ قاتارىدىكى.»
بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «سەن مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتە تەيىنلەنگەن مەڭگۈلۈك روھانىيسەن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەن.
ئىسرائىللارنى تاللىغان شان-شەرەپلىك خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ئۇ ئىنسان ئەمەس، ھەرگىز ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، _ دېدى.
خۇدا ئىنسان ئەمەس، ئۇ يالغان سۆزلىمەس، خۇدا ئىنساننىڭ بالىسىدەك ئەمەس، ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتمەس. ئۇ دېگىنىنى قىلماي قويماس، ۋەدىسىنى ئورۇندىماي قالماس.
چۈنكى، خۇدا ئۆزى بەرگەن سوۋغاتلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ.
مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يەنە بىر يېرىدە خۇدا ئۇنىڭغا: «سەن مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتە تەيىنلەنگەن مەڭگۈلۈك روھانىيسەن» دېگەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئۈمىد خۇدانىڭ قەسىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ئىلگىرى ئۆتكەن روھانىيلار خۇدانىڭ قەسىمىسىز روھانىي بولغانىدى.
يەنە كېلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن كۆپ روھانىيلار ئۆلۈم تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغاچقا، بىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىرى چىققان.
تەۋرات قانۇنى ئاجىز بولغان ئىنساننى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلەيتتى، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن خۇدا قەسەم بىلەن قىلغان ئەھدىسى ئارقىلىق، مەڭگۈلۈك كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغلىنى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.