Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 7:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 چۈنكى، تەۋرات قانۇنى ھېچ كىشىنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدىغان تېخىمۇ ياخشى ئۈمىد بېرىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 7:19
29 Referans Kwoze  

مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇشقا ھەرقانچە تىرىشساڭلارمۇ، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. خۇدا پەقەت ھەزرىتى ئەيسا ئارقىلىقلا سىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ قارايدۇ.


شۇڭا، يۈرىكىمىز توق ھالدا مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ تەختىگە يېقىنلىشايلى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا ياردەمگە ئىگە بولالايمىز.


مانا بۇلار ھازىرقى زامان ئۈچۈن بىر تەجرىبە ساۋاقتۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنى پاك ۋىجدانلىق قىلالمايدۇ.


گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.


چۈنكى، خۇدانىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر پىلانى بويىچە بىزمۇ خۇدا تەرىپىدىن كامالەتكە يەتكۈزۈلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە بولغاچقا، ئۇلار بىز بىلەن بىللە خۇدانىڭ كامالەتكە يەتكۈزۈش ۋەدىسىگە ئېرىشىدۇ.


تەۋرات قانۇنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىدىغان گۈزەل ئىشلارنىڭ ئۆز ئەينىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كۆلەڭگىسىنىلا سۈرەتلەپ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنى ئۆزىگە ئەمەل قىلىپ، يىلمۇيىل ئوخشاش قۇربانلىقلارنى ئاتاش ئارقىلىق خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان ئادەملەرنى ھەرگىزمۇ گۇناھلىرىدىن پاك قىلالمايدۇ.


خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى ۋە قەسىمى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى، خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇڭا، خۇدادىن پاناھلىنىۋاتقان بىزلەر ئۇنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىدىن كۆپ ئىلھامغا ئېرىشىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈمىدتە ئىشەنچ بىلەن چىڭ تۇرالايمىز.


ئېتىقادىمىز بولغاچقا، ئەيسا مەسىھ بىزنى بىز ھازىر بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ مېھىر-شەپقەتكە ئىگە قىلدى. شۇڭا، بىز خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈمىدىدە شاد-خۇرام بولماقتىمىز.


ئەيسا مەسىھكە بېرىلگەن روھانىيلىق ۋەزىپىسى بولسا باشقا روھانىيلارنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. شۇنىڭدەك، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇ ئارقىلىق تۈزۈلگەن كېيىنكى ئەھدە دەسلەپكى ئەھدىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. چۈنكى، بۇ ئەھدە تېخىمۇ ياخشى ۋەدىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان.


شۇ سەۋەبتىن، ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. ئۇ مەڭگۈ ھايات بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.


لېكىن، بىز ئىنسانلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىز يەھۇدىيلارمۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلدۇق. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.


شۇڭا دەيمەن ئەۋزەلدۇر يېقىن تۇرۇش خۇداغا، پاناھ قىلدىم ھەر زامان پەرۋەردىگارنى ئۆزۈمگە، بايان قىلىپ خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ھەممىگە.


ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى روھانىيلىق تۈزۈمى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ روھانىيلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلەتتى. بىراق، ئەگەر خۇدانىڭ ئىنسانلارنى گۇناھتىن پاك قىلىش مەقسىتى بۇ روھانىيلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل تۈزۈم ئاساسىدا تەيىنلەنگەن ھارۇندەك تەرتىپتىكى ئەمەس، بەلكى مالكىسىدىقتەك تەرتىپتىكى يەنە بىر روھانىينىڭ كېلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بار ئىدى؟


قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ۋە ئۈمىدىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن


خۇدا بۇ سىرنىڭ سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆز مۇقەددەس خەلقىگە بىلدۈرۈشتىن سۆيۈندى. بۇ سىر دەل ئەيسا مەسىھنىڭ قەلبىڭلاردا ئىكەنلىكىدۇر. بۇ سىلەر ئۈمىد قىلغان ئۇلۇغلۇققا كەلگۈسىدە ئېرىشىشىڭلارنىڭ كاپالىتىدۇر.


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزدىن يۈرىكىمىز توق ھالدا ئىشەنچ بىلەن خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز.


باشقىچە ئېيتقاندا، تەۋرات قانۇنى «تەربىيىلىگۈچىمىز» بولۇپ، بىزنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىزدۇر.


چۈنكى، تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.


ئىلتىجا قىلسام ساڭا، كېلىپ مېنىڭ يېنىمغا: «قورقما» دېدىڭ ماڭا.


ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھنىڭ مەنبەسى بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھ تەۋرات قانۇنىدا كۆرسىتىلمىگەن بولسا، مەن قىلمىشلىرىمنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مەسىلەن، تەۋرات قانۇنىدا: «باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېيىلمىگەن بولسا، ئۇنداق قىلىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم.


ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىسىگە زىتمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر بۇ قانۇن ئىنسانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسانلار قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم بولالايتتى.


لېكىن، ئەيسا مەسىھ بولسا ئوغۇل بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ ئائىلىسىنى سادىقلىق بىلەن باشقۇردى. ئەگەر بىز جاسارىتىمىزنى ۋە ئىپتىخارلىنىدىغان ئۈمىدىمىزنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرساق، خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز.


ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئۈمىد خۇدانىڭ قەسىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ئىلگىرى ئۆتكەن روھانىيلار خۇدانىڭ قەسىمىسىز روھانىي بولغانىدى.


دېمەك، ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىدىغان كىشى ئۇنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنى ئىزدىگەنلەرگە ئىزدەش ئەجرىنى قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك.


خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قول ئۈزۈڭلار. ئەي ھەم خۇدانى، ھەم دۇنيانى دوست تۇتىمىز دېگۈچىلەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite