Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 7:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 بۇ ئېيتىلىۋاتقان سۆزلەر دەل ئەيسا مەسىھكە قارىتىلغان. ئۇ باشقا بىر قەبىلىدىن بولۇپ، بۇ قەبىلىدىن ھېچكىم قۇربانلىق سۇپىسىدا خىزمەتتە بولۇپ باقمىغان.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 7:13
6 Referans Kwoze  

ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى روھانىيلىق تۈزۈمى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ روھانىيلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلەتتى. بىراق، ئەگەر خۇدانىڭ ئىنسانلارنى گۇناھتىن پاك قىلىش مەقسىتى بۇ روھانىيلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل تۈزۈم ئاساسىدا تەيىنلەنگەن ھارۇندەك تەرتىپتىكى ئەمەس، بەلكى مالكىسىدىقتەك تەرتىپتىكى يەنە بىر روھانىينىڭ كېلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بار ئىدى؟


رەببىمىز ئەيسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكى ئېنىق. مۇسا پەيغەمبەر روھانىيلار ھەققىدە توختالغاندا، بۇ قەبىلە توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەنىدى.


كىمنىڭ تايىقى بىخ چىقارسا، مەن تاللىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مەن شۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنىڭ سىلەردىن ئاغرىنىشىنى توختىتىمەن.


بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا، ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئىسرىق سالسا بولمايدىغانلىقى، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدەك بولىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىبرەت بېرىلدى.


روھانىيلىق تەرتىپى ئۆزگەرتىلگەچكە، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق تۈزۈمىمۇ ئۆزگەرتىلىشكە توغرا كېلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite