Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 7:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى روھانىيلىق تۈزۈمى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ روھانىيلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلەتتى. بىراق، ئەگەر خۇدانىڭ ئىنسانلارنى گۇناھتىن پاك قىلىش مەقسىتى بۇ روھانىيلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل تۈزۈم ئاساسىدا تەيىنلەنگەن ھارۇندەك تەرتىپتىكى ئەمەس، بەلكى مالكىسىدىقتەك تەرتىپتىكى يەنە بىر روھانىينىڭ كېلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بار ئىدى؟

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 7:11
17 Referans Kwoze  

ئەگەر دەسلەپكى ئەھدە نۇقسانسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى.


مەن خۇدانىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى ئەھمىيەتسىز، دەپ قارايدىغانلاردىن ئەمەسمەن. ئەگەر بىر ئادەم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىشى ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالاتتى.


لېكىن، ئەيسا مەسىھ بولسا خۇدانىڭ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىڭ قەسەم قىلدى، ئۇ قەسىمىدىن ھەرگىز يانمايدۇ، سەن مەڭگۈلۈك روھانىيسەن» دېگەن قەسىمى بىلەن روھانىي بولدى.


مالكىسىدىقتەك تەرتىپتىكى باشقا بىر روھانىينىڭ مەيدانغا كېلىشى روھانىيلىق تۈزۈمىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىقلاشتۇردى.


مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يەنە بىر يېرىدە خۇدا ئۇنىڭغا: «سەن مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتە تەيىنلەنگەن مەڭگۈلۈك روھانىيسەن» دېگەن.


ئەمدىلىكتە، ھەقىقىي خۇدانى تونۇدۇڭلار. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلدۇڭلار. شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئاجىز، كېرەكسىز قائىدە-يوسۇنلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىۋاشتىن قايتماقچى بولىسىلەر؟


ئەيسا مەسىھ بىزگە يول ئېچىش ئۈچۈن، ئۇ يەرگە بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، بىزلەر ئۈچۈن مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتىكى مەڭگۈلۈك باش روھانىي بولدى.


ئۇ خۇدا تەرىپىدىن خۇددى مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتە باش روھانىي قىلىپ جاكارلاندى.


شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ گۆدەك ۋاقتىمىزدا، يەنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرگە قۇل بولغانىدۇق.


چۈنكى، مالكىسىدىق ئىبراھىمنى قارشى ئالغاندا لاۋىيلار تېخى تۇغۇلمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنى يەنىلا ئەجدادى ئىبراھىمنىڭ ۋۇجۇدىدا، دەپ قاراشقا بولىدۇ.


روھانىيلىق تەرتىپى ئۆزگەرتىلگەچكە، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق تۈزۈمىمۇ ئۆزگەرتىلىشكە توغرا كېلىدۇ.


بۇ ئېيتىلىۋاتقان سۆزلەر دەل ئەيسا مەسىھكە قارىتىلغان. ئۇ باشقا بىر قەبىلىدىن بولۇپ، بۇ قەبىلىدىن ھېچكىم قۇربانلىق سۇپىسىدا خىزمەتتە بولۇپ باقمىغان.


ھەممە نەرسە مانا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، روھانىيلار چېدىرنىڭ «مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان بۆلۈمىگە دائىم كىرىپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite