ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 6:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 بۇ ئۈمىد ھاياتىمىزغا نىسبەتەن خۇددى چىڭ ئىلىنغان كېمە لەڭگىرىدەك مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇ بىزنى ئەرشتىكى ئىبادەتخانا پەردىسىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە يېتەكلەيدۇ. Gade chapit la |
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر.
ئۇلار ئالدى بىلەن لەڭگەرلەرنىڭ ئارغامچىسىنى كېسىپ، لەڭگەرلەرنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىنى يەنە ھەيدەش ئۈچۈن، كېمىنىڭ يۆنىلىشىنى باشقۇرىدىغان ئىككى تاختاينىڭ يىپىنى بوشىتىپ، تاختايلارنى دېڭىزغا چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، كېمىنىڭ بېشىدىكى يەلكەننى چىقىرىپ، شامالنىڭ ياردىمى بىلەن كېمىنى قىرغاققا يېقىنلاتتى.
پاۋلۇس بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر، يەنە بەزىلىرى پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى تالاش-تارتىشقا سېلىش ئۈچۈن، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: - قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە بىر پەرىسىينىڭ ئوغلىمەن. مەن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا بۈگۈن بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! - دەپ ۋارقىرىدى.