ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 6:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 خۇدادىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆز نامى بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى: Gade chapit la |
ئەي مىسىردا ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلۇغ نامىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، يەھۇدىيەدىن كېلىپ مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا يول قويمايمەن.
قېرىنداشلار، كۈندىلىك تۇرمۇشتىن بىر مىسال كۆرسىتەي. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئەھدىنامىنى ھېچكىم يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا بىرەر نەرسىمۇ قوشالمايدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىمۇ ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. خۇدانىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن بۇ ۋەدىسىدىكى «سېنىڭ ئەۋلادىڭغا» دېگەن سۆز نۇرغۇن كىشىنى ئەمەس، يالغۇز بىرسىنى، يەنى ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.