Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 6:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 خۇدا ئادالەتسىز ئەمەستۇر. ئۇ ھەرگىز سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلار ۋە ئېتىقادچىلارغا قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 6:10
48 Referans Kwoze  

بىلىپ قويۇڭلاركى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتى دەپ، شاگىرتلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرىگە ھەتتا بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن مېنىڭ ئىنئامىمدىن مەھرۇم قالمايدۇ.


ياخشىلىق قىلىشنى ۋە باشقىلارنى ئۆزىمىزدە بار بولغاندىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشنى ئۇنتۇمايلى. چۈنكى، خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرسەت بولسىلا، باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.


كورنىلىي ئىنتايىن چۆچۈگەن ھالدا ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ: - تەقسىر، نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: - سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەر خۇداغا يەتتى.


خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن كەلگەن ياخشى ئىشلىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭلارنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز.


مەيلى سىلەر نېمە دەڭلار ياكى نېمە قىلىڭلار، ھەممىسىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


كەمبەغەلنى ئەزگەنلىك ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكتۇر، ھاجەتمەنگە شاپائەت قىلغانلىق ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنى ئۇلۇغلىغانلىقتۇر.


ئۇلارغا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى كۆپ قىلىشنى، مەرد ۋە قولى ئوچۇق بولۇشنى بۇيرۇغىن.


بىلىپ قويۇڭلاركى، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ھەتتا بىرەر چىنە سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن مېنىڭ ئىنئامىمدىن مەھرۇم قالمايدۇ.


خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئارىسىدىن ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مېھماندوست بولۇڭلار.


بۇنىڭ بىلەن، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار ھەربىرى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، پۇل ئىئانە قىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە ياشايدىغان ئېتىقادچىلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.


قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار.


نامراتقا ياردەم بېرىش پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەر، ئۇنىڭ قىلغان شاپائىتىنى پەرۋەردىگار قايتۇرار.


«كورنىلىي! دۇئايىڭ خۇداغا يەتتى. خۇدا نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭدىنمۇ خەۋەردار.


يەنە شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىر كىشىنى قوبۇل قىلغانلار مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.


«ئى خۇدايىم، بۇ خەلق ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن ۋە ماڭا ياخشىلىق قىلغايسەن!»


ھازىر ھەققانىيلىق تاجى مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئادىل سوراق قىلىدىغان رەببىمىز قايتا كەلگەندە، ماڭا كىيدۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنى يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە كىيدۈرىدۇ.


ئېتىقادچىلار ئۈچۈن توپلىنىدىغان بۇ ئىئانە توغرۇلۇق سىلەرگە خەت يېزىۋېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.


ياخشىلىققا يامانلىق قايتىشى كېرەكمۇ؟ ئۇلار ھەتتا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئورەك كولاۋاتىدۇ. مەن بۇرۇن ئالدىڭغا كېلىپ، ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرگە بولغان غەزىپىڭنى بېسىش ئۈچۈن، سەندىن ئۆتۈنگىنىمنى يادىڭدا تۇتقايسەن.


مەن يەنە خەلقنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوتۇن ئېلىپ كېلىشىنى ۋە تۇنجى ئالغان ھوسۇللىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇردۇم. «ئى خۇدايىم، مېنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا مېھرىبانلىق قىلغايسەن!»


ئاندىن مەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، لاۋىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى پاكلاپ دەرۋازىلارغا قاراۋۇللۇق قىلىشىنى بۇيرۇدۇم. «ئى خۇدايىم، دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، يۈكسەك ۋە مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن!


ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ياراتقانلىرى مۇكەممەلدۇر، قىلغانلىرى توغرىدۇر. ئۇ يامانلىق قىلمايدۇ، ساداقەتلىكتۇر، ئادىل ۋە دۇرۇستۇر.


گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ.


خۇدانىڭ يادىدا بولغاي ئاتىغان ھەدىيەلىرىڭ، قوبۇل قىلىنغاي ھۇزۇرىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ. سېلاھ


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.


شۇڭا ئىسرائىللار داۋاملىق كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيدى. تۇغۇت ئانىلىرى خۇداغا ئىخلاسمەن ئاياللار بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بالىچاقىلىق قىلدى.


مەبلىغىڭنى تاشقا سودىغا سال، ھامىنى بىر كۈنى پايدىغا ئېرىشىسەن.


لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «يىغلىما! ياش تۆكمە! چۈنكى مەن بالىلىرىڭ ئۈچۈن قىلغان ھەممە مېھنىتىڭنى ساڭا قايتۇرىمەن. پەرزەنتلىرىڭ دۈشمەن زېمىنىدىن قايتىپ كېلىدۇ.


خۇدا قەلبىڭلارنى يورۇتقان ئاشۇ كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. شۇ ۋاقىتلاردا، ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇردۇڭلار.


«بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ ئۇلار. «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» دەپتۇ يەر ئىگىسى ئۇلارغا.


ئىككى مىڭ تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى مىڭ تەڭگە پايدا ئاپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite