Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 5:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئۇ مانا مۇشۇنداق پۈتۈنلەي ئىتائەتمەن بولغاچقا، مۇكەممەل باش روھانىي بولۇش ھۆددىسىدىن چىقىپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قۇتقۇزۇلۇش مەنبەسى بولدى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 5:9
39 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. ئۇ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇلارنى گۇناھ سادىر قىلىش سەۋەبلىك كونا ئەھدە تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدىن ئىبارەت جازادىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلدى.


پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئۆزى ئارقىلىق ياراتقان خۇدا نۇرغۇن پەرزەنتلەرنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارغۇچى ئەيسا مەسىھنى ئازاب-ئوقۇبەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردى.


كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.


ئۇ بۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ قۇربانلىق قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنىنى تۆكۈش ئارقىلىق بىرلا قېتىم كىردى. مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، ئىنسانلارنى مەڭگۈگە ئازاد قىلدى.


بىز بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىلىرى. خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.


سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلار پاك قىلىنىپ، ئېتىقادچىلارنى سۆيىدىغان سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولدۇڭلار. شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار.


خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغان زېمىنغا چاقىرىلغاندا، ئۇ خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى.


شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسا خۇدانى تونۇشنى خالىمىغانلارنى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدۇ.


لېكىن، ھەقىقەتنى رەت قىلىپ، يامانلىققا ئەگەشكەن شەخسىيەتچىلەرگە ئۇ غەزەپ-نەپرەت ياغدۇرىدۇ.


خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەلچىلىككە تاللىدى. شۇڭا، مەن ھەر مىللەت كىشىلىرىنى خۇداغا ئىتائەت قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىمەن. بۇ، ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر.


بىز بۇ قوراللار بىلەن بىمەنە سەپسەتىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل كۆرەڭ كۆزقاراشلارنى بىتچىت قىلىمىز ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئەيسا مەسىھكە بېقىندۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قايىل قىلىمىز.


يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە توغرۇلۇق ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. يەھۇدىي ئەمەسلەر مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم، قىلغان ئىشلىرىم ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىم ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلدى. مەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىيە ئۆلكىسىگىچە بولغان ھەممە يەردە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتىم.


قېنى، ئاراڭلاردا كىم پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارىغا بويسۇنىدۇ؟ زۇلمەتتە يۈرگەنلەر، يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلىسۇن، خۇداغا تايانسۇن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا تاللىغان بەندىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇشى ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن.


بىراق، خۇددى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ: «ئى پەرۋەردىگار، بىز يەتكۈزگەن سۆزلەرگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ئەمەس.


خۇداغا شۈكۈر! گەرچە سىلەر بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغان بولساڭلارمۇ، لېكىن ھازىر گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەركىن قىلىنىپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە بەرگەن تەلىمگە چىن دىلىڭلاردىن بويسۇندۇڭلار.


شۇنداق ئىكەن، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇلۇشقا كۆز يۇمساق، قانداقمۇ شۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! قۇتقۇزۇلۇش خەۋىرىنى دەسلەپتە رەببىمىز ئۇقتۇرغان، ئۇنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار بۇ قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ھەقلىقى توغرىسىدا بىزگە گۇۋاھلىق بەرگەن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۈزۈم شارابىنى تېتىغاندىن كېيىن: - تامام بولدى! - دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن چۈشۈرۈپ، جان بەردى.


پېترۇسنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، پارلاق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم. مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


يىراقتىن كىشىلەر كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر مەن زىكىرىيانى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار، بۇ ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.


ئەي، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار، ماڭا يۈزلىنىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا قۇتقۇزۇلىسىلەر! مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.


سەن ئىستەيسەن قەلبىمنىڭ پاكلىقىنى، سالغىن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا دانالىقىڭنى.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىك بىلەن سىلەرگە بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتىنى كۈتۈپ، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار.


يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!


چۈنكى، خۇدانىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر پىلانى بويىچە بىزمۇ خۇدا تەرىپىدىن كامالەتكە يەتكۈزۈلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە بولغاچقا، ئۇلار بىز بىلەن بىللە خۇدانىڭ كامالەتكە يەتكۈزۈش ۋەدىسىگە ئېرىشىدۇ.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن، ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز سىلەرنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرگە بارلىق ياخشى ئىش، ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا كۈچ-قۇدرەت بەرگەي!


شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى ياراتقۇچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق، خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى. بىز مانا بۇ ۋەقەنىڭ گۇۋاھچىلىرى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىماستىن: - سىلەر بېرىپ ئۇ تۈلكىگە مېنىڭ داۋاملىق جىنلارنى ھەيدەيدىغانلىقىم ۋە كېسەللەرنى ساقايتىدىغانلىقىمنى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېرۇسالېمدا ۋەزىپەمنى تاماملايدىغانلىقىمنى دەڭلار.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن تىكلەيسەن، ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىسەن، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا خىزمەتكار قىلغىنىم يوق! مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ، سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.»


كەچۈرگىنىڭنى ئاڭلاپ، شاد-خۇرام بولاي، سەن يانجىغان ئۇستىخانلىرىم ھەم شادلانغاي.


ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئەستە ساقلاتقۇزىمەن نامىڭنى، ئەبەدىلئەبەد ماختىشار خەلقلەر سېنى.


پەقەت ھەزرىتى ئەيسالا بىزنى قۇتقۇزالايدۇ. چۈنكى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا، خۇدا تەيىنلىگەن ھېچقانداق قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر!


گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، يېنىمغا كېلىڭلار، ئاڭلاڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ھاياتلىققا ئىگە بولىسىلەر. مەن سىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن، مەن داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىمنى سىلەرگىمۇ ئاتا قىلىمەن.


شۇڭلاشقا، ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مەن ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا ھەمىشە سۆزۈمنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، سىلەردىن ئايرىلغان مۇشۇ ۋاقىتلاردىمۇ سۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلاڭلار. خۇدادىن قورقۇپ ۋە ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ، خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزغاندا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتنى تۇرمۇشۇڭلارغا تەتبىقلاشقا تىرىشىڭلار.


شۇنداق ئىكەن، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر.


شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، بىرلا قېتىم قۇربان بولدى. ئۇ قايتا كەلگەندە، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى كۈتكەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite