ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 5:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 ھېچبىر كىشى باش روھانىي مەرتىۋىسىگە ئۆزلۈكىدىن ئېرىشەلمەيدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا بۇ مەرتىۋىگە ئېرىشەلەيدۇ. Gade chapit la |
ئۇنى توسماقچى بولدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا ئىسرىق سېلىش سەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى قىلىدىغان ئىشتۇر. سەن بۇ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ كەتكىن. سەن ئاللىقاچان خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدا سېنى ئەزىزلىمەيدۇ.
ئامرامنىڭ ھارۇن ۋە مۇسا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە خەلققە مەڭگۈ بەخت تىلەشكە تەيىنلەنگەنىدى.