Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 5:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 چۈنكى، پەقەت سۈتكىلا تايىنىدىغانلار بوۋاقتىن پەرقسىز بولۇپ، ئۇلاردا ھەققانىيەت ھەققىدىكى تەلىملەرنى ئىگىلەش تەجرىبىسى كەمدۇر.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 5:13
15 Referans Kwoze  

سىلەر رەببىمىزنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن بەھرىمەن بولغانىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئانىنىڭ سۈتىگە تەشنا بولغاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ساپ سۆزىگە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلغۇچە، ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتەلەيسىلەر.


قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن.


پۈتۈن مۇقەددەس يازمىلار خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئۇ، ھەقىقەت توغرىسىدا تەلىم بېرىش، خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىش، سەۋەنلىكلەرنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيلىققا يېتەكلەشكە پايدىلىقتۇر.


ئۇلار خۇدا توغرۇلۇق: «ئۇ كىمگە ئەقىل ئۆگىتىدۇ؟ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى كىم چۈشىنىدۇ؟ ئەمچەكتىن ئەمدىلا ئايرىلغان، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئەمدىلا چىققان گۈدەكلەرگە سۆزلەۋاتامدۇ؟


شۇنداق بولغاندا، بىز كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە گۆدەك بالىلاردەك ئالدىنىپ، ھەر خىل غەيرىي تەلىماتلارنىڭ شامىلى ۋە دولقۇنلىرىدىن تەۋرىنىپ كەتمەيمىز.


قېرىنداشلار، مەن ئاراڭلاردا بولغان چېغىمدا، سىلەرگە مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاۋاتقانلارغا تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرەلمىدىم. ئەكسىچە، سىلەرگە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتقانلارغا ياكى ئېتىقاد جەھەتتە خۇددى بوۋاقلارغا ئوخشاش ئادەملەرگە سۆزلىگەندەك سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم.


يەنى ئىنسانغا جازا ئېلىپ كېلىدىغان تەۋرات قانۇنى ئۇلۇغ بولغان يەردە، ئىنساننى ھەققانىي قىلىدىغان يېڭى ئەھدە تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟


بۇ خۇددى بالىلىق ۋاقتىمىزدا بالىلارچە سۆزلەپ، بالىلارچە ئويلاپ، بالىلارچە مۇھاكىمە قىلىپ، چوڭ بولغىنىمىزدا بالىلىقىمىزنى تاشلىغىنىمىزغا ئوخشاشتۇر.


كۆزلىرىم تالدى سېنىڭ نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ، ئىشەنچلىك ۋەدەڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈپ.


بىلىپ قويۇڭلاركى، كىمدەكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىلاردەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، - دېدى.


شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن.


چۈنكى، ئۇنداق ئادەمنى قارشى ئالغان كىشى ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولغۇچىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite