Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 3:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 بۇلاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇلار ئېتىقادسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئاراملىقىدىن بەھرىمەن بولالمىدى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 3:19
10 Referans Kwoze  

بۇرۇن رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنىلا ئېسىڭلارغا سېلىشنى توغرا تاپتىم.


خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى رەت قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، خۇدانىڭ غەزىپى مانا شۇنداقلاردىن مەڭگۈ نېرى بولمايدۇ.


ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار سوراققا تارتىلمايدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا ئاللىبۇرۇن سوراققا تارتىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.


ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا دوزاخقا مەھكۇم قىلىنىدۇ.


خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەق، دەپ بىلىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن كىشى خۇدانى يالغانچى، دەپ قارىغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن بولىدۇ.


نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، يامان ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ.


پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چېدىر تىكىدىغان يەرلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. كېچىدە ئوت، كۈندۈزى بۇلۇت بولۇپ، يول باشلىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق خەلق يەنىلا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشەنمىدى.


ئۇلار بۇ گۈزەل زېمىنغا كىرىشنى رەت قىلدى، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى.


يەھۇدىيلار ئېتىقادسىزلىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلسا، ئۇلارمۇ ئەسلىدىكى دەرەخكە ئۇلىنىدۇ. چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى قايتا ئۇلاشقا قادىردۇر.


ئەي قېرىنداشلار، ھەرقايسىڭلار قەلبىڭلارنىڭ يامان نىيەت ۋە ئېتىقادسىزلىققا تولۇپ، مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite