18 خۇدا كىملەرنى ئۆز ئاراملىقىدىن بەھرىمەن قىلماسلىققا قەسەم قىلدى؟ خۇداغا ئىتائەت قىلمىغانلارنى ئەمەسمۇ؟
بۇنىڭدىن بىلىمىزكى، خۇدانىڭ ئاراملىقى توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولالمىدى. لېكىن، بۇ ئاراملىقتىن چوقۇم بەھرىمەن بولالايدىغانلار بار.
مەن سىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىڭلار ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىنغا سىلەرنى كىرگۈزمەيمەن. پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۇ زېمىنغا كىرەلەيدۇ.
لېكىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: _ سىلەرنى ماڭا يېتەرلىك ئىشەنمىگىنىڭلار، ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىغىنىڭلار سەۋەبىدىن، سىلەر جامائەتنى مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارالمايسىلەر، _ دېدى.
خۇدانىڭ ئاراملىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقادى بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى.
شۇڭا، غەزەپلەنگىنىمدە قەسەم قىلغىنىمدەك، ئۇلار ئاراملىقىمدىن ھەرگىزمۇ بەھرىمەن بولالمايدۇ.Œ»
پەرۋەردىگار خەلقنى كادېش-بارنېيادىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە ئەمر قىلغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى رەت قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىشەنمىدى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ كىشىلەر مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ مەن ئۇلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، قاچانغىچە ماڭا ئىشەنمەيدۇ؟
مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىننى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ. مېنى مەنسىتمىگەن ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇ يەرنى كۆرەلمەيدۇ.
شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ ئادەملەرگە ۋابا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدى.
ئىشەنمىدى ئۇلار خۇداغا، تايانمىدى ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا.
خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى رەت قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، خۇدانىڭ غەزىپى مانا شۇنداقلاردىن مەڭگۈ نېرى بولمايدۇ.
يەھۇدىي ئەمەس سىلەر بىر چاغلاردا خۇداغا ئىتائەت قىلمايتتىڭلار. لېكىن، يەھۇدىيلار خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، سىلەر ھازىر خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشتىڭلار.
شۇڭا، خۇداغا ئەنە شۇ ئىسرائىللاردەك ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، يىقىلىپ چۈشمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ھەربىرىمىز بۇ ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولۇشقا تىرىشايلى.