17 خۇدا قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟
جەسىتىڭلار مۇشۇ چۆلدە قالسۇن. سەپەردە ماڭا نارازىلىق بىلدۈرگەن يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى رويخەتكە ئېلىنغان ھەربىرىڭلار ئەنە شۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولىسىلەر.
مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى، مىسىردا ھەم چۆلدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى ئون قېتىم سىنىغان، ماڭا ئىتائەت قىلمىغان بۇ خەلق
بۇرۇن رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنىلا ئېسىڭلارغا سېلىشنى توغرا تاپتىم.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى خۇددى گەندىلەردەك ھەممە يەرلەرنى قاپلىغان. ئۇلار خۇددى ئورىۋېتىلگەن، ئەمما باغلانمىغان زىرائەتلەردەك يەرلەردە چېچىلىپ ياتىدۇ.›»
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مەنكى پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك ھاياتىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ ئالدىمدا ئېيتقان ئاشۇ سۆزلىرىڭلارغا بىنائەن مەن بېشىڭلارغا شۇنداق بالا-قازا چۈشۈرەيكى،
شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ ئادەملەرگە ۋابا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدى.
مەن قىرىق يىلغىچە يىرگىنىپ ئەجدادلىرىڭلاردىن، دېدىمكى: ‹ئۇلارنىڭ قەلبى يىراقتۇر مەندىن، ماڭماس ئۇلار مېنىڭ يولۇمدىن.›