15 يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، «بۈگۈن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، ئەجدادلىرىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلغان كۈنلەردىكىدەك جاھىللىق قىلماڭلار.»
چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنىڭ غەمخورلۇقىدىكى قوۋمدۇرمىز، ئۇ پەرۋىش قىلىۋاتقان قويلىرىدۇرمىز.
مەن ˜ھەققانىيŒ دېگەن ئادەم، ئېتىقادى بىلەن ياشايدۇ. ئەگەر ئۇ ئېتىقادىدىن يانسا، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولمايمەن.»
ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ۋە ئۆزىنى پاكلىغان قانغا سەل قارىسا، ئۆزىگە شەپقەت قىلغان مۇقەددەس روھنى ھاقارەت قىلسا، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق بولمامدۇ؟!
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئەنە شۇ ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولالايدىغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن مەلۇم بىر كۈننى «بۈگۈن» دەپ بېكىتىپ، بۇرۇن ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى داۋۇت پادىشاھ ئارقىلىق زەبۇردا يەنە ئېيتقان: «بۈگۈن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، جاھىللىق قىلماڭلار.»