Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ زاماننىڭ كىشىلىرىگە غەزەپلەندىم ۋە دېدىمكى: ˜ئۇلارنىڭ قەلبى مەندىن يىراق. مېنىڭ يولۇمنى چۈشەنمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 3:10
20 Referans Kwoze  

مەن قىرىق يىلغىچە يىرگىنىپ ئەجدادلىرىڭلاردىن، دېدىمكى: ‹ئۇلارنىڭ قەلبى يىراقتۇر مەندىن، ماڭماس ئۇلار مېنىڭ يولۇمدىن.›


خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قايغۇغا سالماڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس روھ بولسا سىلەرنىڭ خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ مۆھرى بولۇپ، ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلىدىغان كۈنۈڭلارنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلقىم ھاماقەت، ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ. ئۇلار ئەخمەق، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار رەزىل ئىش قىلىشنىڭ پىرلىرىدۇر ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.»


دورىمىسۇن ئۇلار ئەجدادلىرىنى _ ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىز، جاھىللىقىنى. سەمىمىيەتسىزلىك بولمىسۇن دىللىرىدا، ساداقەتسىزلىك بولمىسۇن ئۇلاردا.


ئالەم ئارا مەلۇم بولغاي سېنىڭ يولۇڭ، بارچە ئەللەر ئارىسىدا نىجاتلىقىڭ.


خەلقىم ياغاچ بۇتلاردىن مەسلىھەت، ياغاچ بۇيۇملاردىن تەلىم سورايدۇ. خەلقىمنىڭ بۇتقا چوقۇنۇپ شەھۋانىيلىق قىلىشى ئۇلارنى ئازدۇردى. ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى.


لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى.


ئەي قېرىنداشلار، ھەرقايسىڭلار قەلبىڭلارنىڭ يامان نىيەت ۋە ئېتىقادسىزلىققا تولۇپ، مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭلار.


مەن بولسام ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، شۇڭا ماڭا ئىشەنمەيسىلەر.


ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات! - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.


لېكىن، پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار شاراب بىلەن مەست بولىدۇ، ئۇلار كۈچلۈك شارابلارنى ئىچىپ، ئىرغاڭلاپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلار شاراب بىلەن مەست بولۇپ، قايمۇقۇپ قالىدۇ. ئۇلار دەلدەڭشىپ يۈرۈشىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنى چۈشىنەلمەيدۇ، روھانىيلار خاتا ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىدۇ.


پەرۋەردىگار باشقا خەلققە ھېچقاچان بۇنداق مۇئامىلە قىلغان ئەمەس، ئۇنىڭ پەرزلىرىنى باشقىلارمۇ ھەم بىلگەن ئەمەس. ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يات ئىلاھلىرىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارغا يەنە خىزمەت قىلدى. پەرۋەردىگار ئاخىرى ئىسرائىللارنىڭ زۇلۇم تارتىشىغا قاراپ تۇرالمىدى.


لېكىن، بەزىلەر: «مېنىڭ ساداقەتسىزلىكىم خۇدانىڭ راستچىللىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى يورۇتۇپ بەرسە، مەن يەنە نېمە ئۈچۈن گۇناھكار، دەپ قارىلىپ سوراققا تارتىلىمەن؟» دېيىشى مۇمكىن.


بىراق ئۇلار ئىسيان قىلغاچ چۆلدە تالاي قېتىم، ئازار يەپ دىلى خۇدانىڭ، بولدى كۆڭلى يېرىم.


ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ياراتقانلىقىغا پۇشايمان قىلدى.


ئۇلار خۇدانى بىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يامان نىيەتلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى.


بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان باشقا ئون شاگىرت بۇ ئىككى قېرىندىشىدىن خاپا بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite