Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 خۇدا كۆرسەتكەن ھەر خىل مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيىلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 2:4
18 Referans Kwoze  

پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزدى. رەببىمىز ئەيسامۇ ئۇلارغا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى بېرىپ، ئۇلار يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


شاگىرتلار تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەببىمىز ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئۆز سۆزىنى ئۇلار كۆرسەتكەن مۆجىزىلەر بىلەن ئىسپاتلىدى.{


شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سىلەر جەلىلىيىلىكلەر مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ماڭا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئوخشايسىلەر! - دېدى.


زېمىندىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەستۇر. جەننەتتىكى پەرىشتىلەر ۋە زېمىندىكى ئىنسانلارنى قانداق قىلىشنى خالىسا، ئۇ شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ. ‹سەن نېمە قىلغانىدىڭ؟› دەپ ئۇنىڭدىن ھېچكىم سورىيالمايدۇ.»


مەن سىلەرگە ئاتامنىڭ يېنىدىن ياردەمچى، يەنى ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ئاتامنىڭ يېنىدىن كېلىپ، ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان پىلانىنى بىزگە ئاشكارىلىدى. خۇدا خۇش رايى بىلەن بۇ پىلاننىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ئالدىن بېكىتتى.


سىلەر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئۇنى پۈتۈنلەي ساقايتىپ ئالدىڭلاردا تۇرغۇزغان كۈچ-قۇدرەت ناسىرەلىك ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن بولساڭلارمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى.


ھىرود خان ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى ھەممە ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ داڭقى ھەممە يەرگە پۇر كەتكەنىدى. بەزىلەر: «بۇ ئادەم ئۆلۈمدىن تىرىلگەن چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولسا كېرەك. ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇدرەتلەرگە ئىگە بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ» دېيىشەتتى.


بىز بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىلىرى. خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.


ئەيسا مەسىھ سېخىيلىق بىلەن ھەربىرىمىزگە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلدى.


بەزى ئادەملەرنى توۋا قىلدۇرۇپ، قايتىدىن خۇدا يولىغا باشلاش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار بىر چاغلاردا خۇدانىڭ نۇرى بىلەن يورۇتۇلغان، خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن بەھرىمەن بولغان، مۇقەددەس روھقا ئورتاق بولغان،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite