Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 2:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ئۇ سىناقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئازاب چەككەچكە، سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگە ياردەم بېرەلەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 2:18
16 Referans Kwoze  

سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. خۇدا ئىشەنچلىكتۇر! ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرىش چېكىڭلاردىن ھالقىغان سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ. خۇدا سىلەرنىڭ سىناققا دۇچ كەلگەندە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ.


ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


ۋە خۇدانىڭ يولىنى بىلمەي يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن ئاجىزلىقلىرى بار.


بەرداشلىق بېرىش ھەققىدىكى ئەمرىمگە ئەمەل قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناش مەقسىتىدە پۈتۈن يەر يۈزىگە بالايىئاپەت چۈشۈرۈلىدىغان ۋاقىتتا سېنى ئۇنىڭدىن قوغداپ قالىمەن.


شۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا توغرا يولدا ماڭغانلارنى ئۇلار دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا سوراق كۈنىگىچە گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنى جازالاشنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى،


ھازىرقى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بۇ خۇش خەۋەرنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى ╟ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن╚ دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ..


ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ.


مەن ھەر كۈنى سىلەر بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا بولغاندا، ماڭا قول سالمىدىڭلار. بىراق، ئەمدى قول سالىدىغان ۋاقىت-سائىتىڭلار يېتىپ كەلدى. بۇ شەيتان ھۆكۈم سۈرىدىغان قاراڭغۇ ۋاقىتتۇر، - دېدى.


شۇ چاغدا، ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بىلەن بىزنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش قىلىدۇ.


مەن سىناقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەندە، سىلەر باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite