Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 شۇڭا، ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 2:1
25 Referans Kwoze  

مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.


لېكىن ھوشيار بولۇڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار! ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىڭلارغا ئېيتىپ بېرىڭلار.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، ھازىر سىلەرگە يېزىۋاتقىنىم ئىككىنچى خېتىمدۇر. ھەر ئىككى خېتىمدە بۇ ئىشلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى توغرا پىكىر قىلىشقا يېتەكلەشكە تىرىشتىم.


سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ ھەر دائىم ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىمەن.


ئەي ئوغلۇم، چىڭ تۇت دانالىق ۋە پەم-پاراسەتنى، كۆز ئالدىڭدىن ھەرگىز يوقاتما ئۇلارنى.


ياش يىگىت قانداق قىلىپ پاك يولدا ماڭالار؟ ئۇ پەقەت كالامىڭغا ئەمەل قىلغاندا بولار.


ئەگەر سەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمان ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلساڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن. سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، ھەرگىز قورقما ھەم بوشىشىپ قالما.


خۇدانىڭ سىلەرنى ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ ئىلھاملاندۇرىدىغان مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلارمۇ؟ «پەرزەنتىم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، ئەيىبلىشىدىن روھسىزلانما،


كۆزۈڭلار تۇرۇپ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ قۇلىقىڭلار تۇرۇپ ئاڭلىمايۋاتامسىلەر؟ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟


تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ بەش نان بىلەن بەش مىڭ كىشىنى تويدۇرغانلىقىم، يەنە قانچە سېۋەت يېمەكلىك يىغىۋالغانلىقىڭلار ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟


ھوشيار بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل نەرسىنىڭ سىياقىدا بۇت ياسىماڭلار.


سىلەر شان-شەرەپكە ئېرىشمەيسىلەر، بەلكى شەرمەندە بولىسىلەر. نۆۋەت سىلەرگە كەلدى، ئىچىڭلار، خەتنىسىزلىكىڭلار ئاشكارىلانسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى ئازابقا تولغان قەدەھنى ئىچىش نۆۋىتى سىلەرگە كەلدى. شان-شەرىپىڭلانىڭ ئورنىنى شەرمەندىلىك ئالىدۇ.


- ئاڭلاپ قويۇڭلار، بىرسىنىڭ ساتقۇنلۇقى بىلەن، ئىنسانئوغلى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، - دېدى.


مانا، مەن رەھىمسىز ۋە قىزىققان بابىل خەلقىنى كۈچەيتمەكچىمەن. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە يۈرۈش قىلىپ، باشقىلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئىگىلىۋالىدۇ.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەردىن تاش ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چالما-كېسەك قىلماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite