Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 13:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل غەيرىي تەلىملەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا بېرىلىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماڭلار. ئۆزۈڭلارنى يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش بىلەن ئەمەس، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مۇستەھكەملەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 13:9
35 Referans Kwoze  

شۇنداق بولغاندا، بىز كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە گۆدەك بالىلاردەك ئالدىنىپ، ھەر خىل غەيرىي تەلىماتلارنىڭ شامىلى ۋە دولقۇنلىرىدىن تەۋرىنىپ كەتمەيمىز.


بۇنداق ئىشلارغا باھانە كۆرسىتەلەيدىغانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپى بۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ، خۇداغا بويسۇنمىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.


بەزىلەر مەلۇم بىر كۈننى قەدىرلەپ، بۇنىڭ بىلەن رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەر، يەنى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلارمۇ شۇ يېگ ن يېمەكلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىدۇ. گۆش يېمەيدىغانلارمۇ خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدۇ.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، «مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزدۇم» دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشەنمەڭلار. ئۇلارنىڭ روھىنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى.


سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر ئېتىقادچىلارنى ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈرۈش ئۈچۈن، خاتا تەلىم تارقىتىدۇ.


دوستانە زىياپەتلىرىڭلاردا تارتىنماي، سىلەر بىلەن رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان بۇ كىشىلەر سىلەرگە داغ كەلتۈرىدۇ. ئۇلار ئۆز نەپسىنىلا ئويلاپ، شامال ھەيدىگەن يامغۇرسىز بۇلۇتلاردەك بولۇپ، پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان كەچ كۈزنىڭ مېۋىسىز دەرەخلىرىگە ئوخشايدۇ.


ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ تەلىملەرنى ياخشى ساقلا. خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە بىمەنە بىلىمنى بىلىم دېگۈچىلەرنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن ساقلان.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان.


چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار ھەتتا خۇدا تاللىغانلارنىمۇ چوڭ مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھوشيار بولۇڭلار.


ھېچكىمنىڭ سىلەرنى چىرايلىق گەپ-سۆزلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۇلارنى ئېيتىۋاتىمەن.


سىلەر بىلەن بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، ئېتىقادتا مۇستەھكەم قىلغۇچى خۇدادۇر. ئۇ بىزنى ئۆزى ئۈچۈن تاللىدى.


ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىش-يېمەسلىك بىلەن ئۆزىمىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇنى يېسەك، خۇداغا يېقىنلىشىپ قالمايمىز، يېمىسەكمۇ خۇدادىن يىراقلىشىپ كەتمەيمىز.


چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ياشاش ئەمەس، بەلكى ھەققانىيلىق، ئىناقلىق ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە ياشاش مۇھىمدۇر.


بەزى ئېتىقادچىلار ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. لېكىن، بەزىلەرنىڭ ئېتىقادى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، گۆش يېمەيدۇ.


ئەمدى مەن سىلەرنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە تاپشۇردۇم. بۇ سۆزلەر ئارقىلىق خۇدا ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئاتىغان مىراستىن سىلەرنى بەھرىمەن قىلىدۇ.


ئەگەر سىلەر «رەببىمىزنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، ھودۇقۇپ كەتمەڭلار، قورقۇپمۇ كەتمەڭلار. بۇنداق سۆزنى قىلغۇچىلار مەيلى ئۇنى خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيدىن ياكى باشقىلارنىڭ تەلىمىدىن ئاڭلىدۇق ياكى بولمىسا بىزنىڭ نامىمىزدا يېزىلغان خەتلەردىن كۆردۇق دېسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار.


«تاماق قورساق ئۈچۈن، قورساق تاماق ئۈچۈن» دېگەنلىك توغرا. لېكىن بەزىلەر خۇددى شۇنىڭدەك، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقمۇ تەن ئۈچۈندۇر، دەپ قارايدۇ. بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. قورساق ۋە تاماق پەقەت بۇ دۇنيادىلا بولۇپ، خۇدا ھەر ئىككىلىسىنى يوقىتىدۇ. تېنىمىز بولسا ئۇ دۇنيادىمۇ بولىدۇ. بىلىشىڭلار كېرەككى، تېنىمىز ئۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈندۇر. رەببىمىز بولسا تېنىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ.


قېرىنداشلار، ئەگەر ئاراڭلاردا بىرىنىڭ ھازىرمۇ گۇناھ سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن سىلەر ئۇنى مۇلايىملىق بىلەن توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار.


ئىرادىسى مۇستەھكەمدۇر ئۇلارنىڭ، قورقمايدۇ ئەسلا، كۆرەر مەغلۇبىيىتىنى دۈشمەنلىرىنىڭ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite