6 شۇڭا، زەبۇردا يېزىلغاندەك يۈرەكلىك ئېيتالايمىزكى: «قورقمايمەن، رەببىم ياردەمچىمدۇر. كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟»
قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.
ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟
بىزگە ياردەم بەرگەن پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدۇر.
شۇڭا، يۈرىكىمىز توق ھالدا مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ تەختىگە يېقىنلىشايلى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا ياردەمگە ئىگە بولالايمىز.
تېنىڭلارنى ئۆلتۈرسىمۇ، جېنىڭلارنى ئالالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار. ئەكسىچە، تېنىڭلارنىمۇ، جېنىڭلارنىمۇ دوزاختا ھالاك قىلالايدىغان خۇدادىن قورقۇڭلار.
ئىشەنچىم كامىلكى مەدەتكار خۇدا، ئىگىمىز يار-يۆلەك بولىدۇ ماڭا.
پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتىمىز، ئۇدۇر بىزنىڭ مەدەتكار، قالقىنىمىز.
سەن مەدەتكار بولۇپ كەلدىڭ ماڭا ئى خۇدا، كۈيلەيمەن سېنى قاناتلىرىڭ سايىسىدا.
ئەگەر ياردەم بەرمىگەن بولسا ئىدى ماڭا خۇدا، ياتار ئىدىم جىمجىتلىق قاپلىغان ئۆلۈكلەر ماكانىدا.
بىر بىچارە، ھاجەتمەن ئۆزۈم، بىراق، مېنى ياد ئېتەر ئىگەم. مەدەتكارىمسەن ھەم نىجاتكارىم، ھايال بولما، ئى ئىلاھىم.
بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.
بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزدىن يۈرىكىمىز توق ھالدا ئىشەنچ بىلەن خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز.
ئەي ئىسرائىللار، سىلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! قايسى خەلق سىلەرگە ئوخشايدۇ؟ سىلەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلدۇڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ قالقىنىڭلار ۋە ياردەمچىڭلاردۇر، سىلەرنىڭ شان-شەرەپلىك قىلىچىڭلاردۇر، دۈشمىنىڭلار قورقۇپ، سىلەرگە تىز پۈكىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ دۈمبىلىرىنى دەسسەيسىلەر.»
ئەي ئىسرائىللار! سىلەر: ‹بىز كىچىك قۇرتتەك تۇرساق› دەپ ئويلىغان بولساڭلارمۇ، قورقماڭلار! سىلەرگە ئۆزۈم ياردەم قىلىمەن. مەن قوغدىغۇچىڭلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن.
قاچۇرمىغىن مېنىڭدىن دىدارىڭنى، تاشلىمىغىن غەزىپىڭدە مەن قۇلۇڭنى. بولۇپ كەلدىڭ ئى خۇدا، مەدەتكارىم، تەرك ئەتمە، تاشلىما مېنى، نىجاتكارىم.
ئىشەنچ باغلىما شاھزادىلەرگە، نىجاتلىق بېرەلمەيدىغان بەندىلەرگە.
«ئەي ئىسرائىللار، خۇداغا ئوخشايدىغان بىرمۇ زات يوقتۇر، ئۇ بۇلۇتلارنى مىنىپ، سىلەرگە ياردەمگە كېلىدۇ، ئاسماندا ھەيۋىسىنى نامايان قىلىدۇ.
ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىئەزەر [مەنىسى «خۇدا مېنىڭ ياردەمچىم»] بولۇپ، مۇسا «ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدا ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى پىرئەۋننىڭ ئۆلتۈرۈشىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى» دەپ، شۇ ئىسىمنى قويغانىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ئەرشتىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا يۈرىكىمىز توق ھالدا كىرەلەيمىز.
يوناتان ئۇنىڭغا، _ قورقما، ئاتام ھېچقاچان ساڭا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بولىسەن، مەن سەندىن قالساملا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادەم بولىمەن. بۇنى ئاتاممۇ ئوبدان بىلىدۇ، _ دېدى.
پەرۋەردىگار ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى: