2 ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى، بەزىلەر مېھماندوستلۇق بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان.
چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالدىڭلار،
كېيىن پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇپ دەرەخلىكىدە ئىبراھىمغا قايتا زاھىر بولدى. بۇ ۋەقە مۇنداق بولغانىدى. كۈن تىكلەشكەن ۋاقىتتا، ئىبراھىم چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇراتتى.
خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئارىسىدىن ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مېھماندوست بولۇڭلار.
بىر-بىرىڭلاردىن نارازى بولماي، مېھماندوست ئۆتۈڭلار.
مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيىندۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ.
ئەكسىچە مېھماندوست، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئادىل، پاك ۋە تەمكىن بولۇشى لازىم.
ئىشىكىم يولدىن ئۆتكەنلەرگە ئوچۇق بولدى، ھېچكىم سىرتتا قونۇپ قالمىدى.
ئۇلارنى ئىسرائىل قېرىندىشىڭلاردەك كۆرۈڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، چۈنكى سىلەرمۇ بۇرۇن مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلغىنىڭلار دەل ماڭا قىلغىنىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
ئۇلار يەنە ياخشىلىقلىرى بىلەن تونۇلغان بولۇشى، يەنى بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مېھماندوست، كەمتەرلىك بىلەن ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىدە بولغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلغان ۋە ئۆزىنى ھەر خىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئاياللار بولۇشى كېرەك.
جامائەتچىلىك باشلامچىسى بولسا ئەيىبلىنىدىغان تەرىپى بولمىغان، ئايالىغا سادىق، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، سالماق، ھۆرمەتكە سازاۋەر، مېھماندوست، باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى،
مەنكى پاۋلۇسقا ۋە ئۆز ئۆيىدە جەم بولىدىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ساھىبخانىلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراست ۋە قېرىندىشىمىز كۋارتلاردىن سىلەرگە سالام. }
يېمەكلىكلىرىڭلارنى ئاچلارغا بۆلۈپ بېرىش، سەرگەردانلارنى ئۆيۈڭلەردە قوندۇرۇش، يالىڭاچلارغا كىيىم كىيىدۈرۈش ئەمەسمىدى؟ تۇغقانلىرىڭلاردىن يۈز ئۆرۈمەي، بەلكى ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئەمەسمىدى؟
ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ: - ئەگەر سىلەر مېنى رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى، دەپ قارىساڭلار، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇپ كېتىڭلار! - دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئۆيىگە باردۇق.
ئەگەر بىرسىنىڭ كىيىمسىز توڭلاپ ئۆلمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ياكى ئۇچىسى يالاڭ يوقسۇلنى كۆرۈپ تۇرۇپ،
بىر كۈنى ئېلىشا شۇنېم شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە بىر باي ئايال بار بولۇپ، ئۇ ئېلىشانى غىزالىنىشقا قاتتىق تۇتۇۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر قېتىم ئۇ يەردىن ئۆتكىنىدە، شۇ يەردە غىزالىنىپ ئۆتىدىغان بولدى.
شۇ كۈنى ئاخشىمى ھېلىقى ئىككى پەرىشتە سودومغا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا لۇت شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپلا، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلىپ:
قەدىرلىك دوستۇم، ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ساڭا ناتونۇش بولسىمۇ، سەن ئۇلارغا ياردەم بېرىپ كەلدىڭ. بۇ سېنىڭ خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ.