18 بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار. ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، ھەر جەھەتتە توغرا يولدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار.
قېرىنداشلار، سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. رەببىمىز ھەققىدىكى خۇش خەۋەر خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، ھەرقانداق يەردە تېز تارقالسۇن ۋە ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلىنسۇن.
بىزنىڭ بۇنداق بۇيرۇق قىلىشىمىزدىن مەقسەت، پاك قەلب، ساپ ۋىجدان ۋە چىن ئېتىقادتىن كېلىپ چىققان مېھىر-مۇھەببەتنى باشقىلارغا كۆرسىتىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
بىز ئۈچۈن يەنە شۇنداق دۇئا قىلىڭلاركى، خۇدا ئۆز خەۋىرىنى يەتكۈزۈشىمىزگە يول ئېچىپ بەرسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى ئاشكارىلىغان سىرنى جاكارلىيالايمىز. مەن ھازىر دەل مۇشۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن كىشەنلەندىم.
قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ خىزمىتىمنى قوللاش يۈزىسىدىن مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنداق قىلغايسىلەر.
بۇ، بىزنىڭ ھازىرقى قۇتقۇزۇلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولىدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىز بەدىنىمىزنىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق پاك ۋىجدان بىلەن خۇداغا بېغىشلىشىمىزدۇر.
بۇنى مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئېيتىڭلار. ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار-دە، سىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلار سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلاردىن يېتىلگەن پەزىلىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن.
ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەت بىلەن ياشاڭلار. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.
مانا شۇنداق قىلساڭلار، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ ياشىيالايسىلەر ۋە ئىقتىساد جەھەتتە ھېچكىمگە بېقىنمايسىلەر.
شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا تىرىشىمەن.
پاۋلۇس ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: - قېرىنداشلار، مەن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجدانىم بىلەن ياشاپ كەلدىم، - دېدى.
قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.
بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز.
ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە بۇزۇقچىلىق، ئۇرۇشقاقلىق ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەڭلار. يورۇقلۇقتىكى كىشىلەردەك پاك ھايات كەچۈرۈڭلار.
ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار، كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار.