Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 13:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغىنىدا بەرداشلىق بەرگىنىدەك، بىزمۇ ھاقارەتلەرگە بەرداشلىق بېرەيلى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 13:13
16 Referans Kwoze  

ئۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئۈچۈن خارلىنىشنى، مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىققا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىكى ئىنئامنى كۈتۈۋاتاتتى.


ئەلچىلەر كېڭەشمىدىن چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى.


ئىنسانئوغلىغا ئەگەشكەنلىكىڭلار ئۈچۈن بەزىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، يۈز ئۆرۈسە، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، سىلەرنى يامان دېسە، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!


كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!


ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى خۇشاللىق دەپ بىلىمەن. چۈنكى، قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ قۇدرىتىگە تولۇپ، كۈچلۈك بولىمەن.


مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!


روھىڭلار چۈشۈپ، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە خورلاشلىرىغا قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرۈڭلار.


خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئادەملەر ھازىر سىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش شەھۋانىي تۇرمۇشقا بېرىلمىگەنلىكىڭلارغا ئەجەبلىنىپ، سىلەرنى ھاقارەتلىمەكتە.


ئۇلار تاشقىرىغا چىققىنىدا، كىرىنى شەھىرىلىك سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ھەزرىتى ئەيسا يۈدۈپ ماڭغان كرېستنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى.


ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەنە مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ھەر كۈنى ماڭا ئەگەشسۇن.


كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.


گۇناھقا قارشى كۈرىشىڭلاردا تېخى قان ئاققۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite