Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 13:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 شۇڭا، ئەيسا مەسىھمۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاك قىلىپ، خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 13:12
18 Referans Kwoze  

بەزىلىرىڭلار بۇرۇن مانا شۇنداقلاردىن ئىدىڭلار. لېكىن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق گۇناھىڭلار يۇيۇلۇپ، خۇداغا ئاتالدىڭلار ۋە خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندىڭلار.


ئۇنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، چالما-كېسەك قىلىشقا باشلىدى. ئىستىپاننى گۇناھكار دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن بۇرۇن، چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ يېنىدا قويۇپ قويغانىدى.


ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىكى مەقسىتى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى خۇدانىڭ سۆزى ۋە سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق گۇناھلىرىدىن پاك قىلىشتۇر.


شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن جامائەت ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.


مۇسا بۇ ۋەھىينى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە، پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلىگۈچىنى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشتى.


ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ۋە ئۆزىنى پاكلىغان قانغا سەل قارىسا، ئۆزىگە شەپقەت قىلغان مۇقەددەس روھنى ھاقارەت قىلسا، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق بولمامدۇ؟!


ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئاتىسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا ئاتايمەن.


ئاندىن يوشۇۋا بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى زەراخنىڭ ئوغلى ئاكاننى كۈمۈش، تون، چوكا ئالتۇن، ئوغۇل-قىز، كالا، ئېشەك، قوي، چېدىر ۋە باشقا پۈتۈن بىساتى بىلەن «بالايىئاپەت جىلغىسى»غا ئېلىپ كەلدى.


ئىنسانلارنى پاك قىلغۇچى ئەيسا مەسىھ بىلەن پاك قىلىنغان ئىنسانلار ھەممىسى بىر ئاتىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلماي،


بىراق، لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىسىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى.


ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى يار ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا ھەيدەپ ئاپىرىپ، ياردىن يىقىتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى.


خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆز تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق.


شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە كېلىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite