Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 13:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 بۇ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ قېنى باش روھانىي تەرىپىدىن ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلەتتى، تېنى بولسا قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈرۈلەتتى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 13:11
13 Referans Kwoze  

گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ۋە گۇناھنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان ۋە قېنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن بۇقا ۋە تېكە قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيى كۆيدۈرۈلسۇن.


لېكىن بۇقىنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈرگىن. مانا بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىدۇر.


ئۇنى روھانىي ئەلئازارغا بېرىڭلار. ياش ئىنەك قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، روھانىي ئەلئازارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن.


گۆش ۋە تېرىسىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈردى.


لېكىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنى كىشىلەرنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىگە، يەنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلسە، بۇنداق قۇربانلىقنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن، بەلكى كۆيدۈرۈلسۇن.


ئوغۇللىرى تورپاقنىڭ قېنىنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بەردى، ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويدى. ئېشىپ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكتى.


ئۇنىڭدىن كېيىن، روھانىي كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە ئۆزىمۇ يۇيۇنسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قارارگاھىغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ. لېكىن روھانىي كەچ كىرگۈچە يەنىلا ناپاكتۇر.


گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن بۇقا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىنىڭ سىرتىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇندا كۆيدۈرۈلسۇن.


ئاندىن ئۈستىدىكى كىيىملەرنى يېشىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلنى قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا تۆكسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite