21 ئۇ كۆرۈنۈش شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدىكى، ھەتتا مۇسا پەيغەمبەرمۇ: «بەك قورقۇپ تىترەپ كەتتىم» دېگەنىدى.
ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغدا بىر پارچە قويۇق بۇلۇت پەيدا بولدى. بۇرغىنىڭ قاتتىق چېلىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارارگاھتىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىشتى.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولغانلىقىدىن قورقتۇم. لېكىن پەرۋەردىگار يەنە بىر قېتىم مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى ئاڭلىدى.
بۇ چاغدا بۇرغىنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى كۈچەيدى. مۇسا سۆز قىلدى، خۇدا ئۇنىڭغا گۈلدۈرماما بىلەن جاۋاب قايتۇردى.
ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۇچامغا قويۇپ مۇنداق دېدى: - قورقما، تۇنجى ۋە ئاخىرقى مەن بولىمەن.
ۋۇجۇدۇم تىترەر قورقۇپ سېنىڭدىن، ۋەھىمىگە چۈشىمەن ھۆكۈملىرىڭدىن.
پېقىر ھەزرىتىم بىلەن قانداقمۇ سۆزلىشەلەيمەن؟ ماغدۇرسىزلىنىپ، نەپىسىم ئۈزۈلدى، _ دېدىم.
بۇ ئاجايىپ ئالامەتنى ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز كۆردۈم. تېنىم ماغدۇرسىزلىنىپ، چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. پۇت-قولۇمدا جان قالمىغانىدى.
بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق ۋە خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى ئۆرتەپ تۈگىتىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشتۇر.