ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 12:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا. Gade chapit la |
مىسىردىن ياردەم سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئاتلىرىغا باغلىدى، ئۈمىدلىرىنى مىسىرنىڭ كۆپلىگەن جەڭ ھارۋىلىرىغا، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەيدىغان نۇرغۇن ھارۋىكەشلىرىگە باغلىدى، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تايانمىدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - ئەلۋەتتە، ئىلياس پەيغەمبەر چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىپ، ھەممىنى قېلىپىغا سالىدۇ. ئۇنداقتا، مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە رەت قىلىنىدۇ، دەپ پۈتۈلگىنىگە قانداق قارايسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىلياس پەيغەمبەر ھەقىقەتەن كەلدى ۋە خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە يېزىلغاندەك، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى.