Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 12:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئۇ جايدا چاقىرىق كانىيىنىڭ ساداسى بىلەن سۆزلىگەن ئاۋازنى ئاڭلىغانلار: «بۇنداق سۆزلەر ئەمدى بىزگە ئېيتىلمىسىكەن!» دەپ خۇداغا يالۋۇرغانىدى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 12:19
13 Referans Kwoze  

بۇنى سىلەر سىناي تېغىدا يىغىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن تەلەپ قىلغانىدىڭلار. ئەينى چاغدا سىلەر: «ئەي پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، ئەمدى بىزگە ئاۋازىڭنى ئاڭلاتمىغايسەن، بىزگە يەنە ئوت يالقۇنۇڭنى كۆرسەتمىگەيسەن، بولمىسا بىز ئۆلىمىز» دېگەنىدىڭلار.


بۇ ئىش ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر دەمدىلا يۈز بېرىدۇ. كاناي چېلىنىشى بىلەنلا، ئۆلگەن ئېتىقادچىلار چىرىمەس تەن بىلەن تىرىلىدۇ، بىزلەرمۇ ئۆزگىرىمىز.


پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدىن سىلەرگە سۆز قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭلار، لېكىن ئۆزىنى كۆرەلمىدىڭلار. پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلاندى.


ئوت ئىچىدىن سۆزلەۋاتقان خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، يەنە ھايات قالغان سىلەرگە ئوخشاش باشقا بىر خەلق بارمۇ؟


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگىن: «سىلەر مېنىڭ ئەرشتىن سۆز قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار.


رەببىمىز ئۆزى بىر پەرمان ئارقىلىق باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدا ياڭراتقان كاناي ساداسى بىلەن ئاسماندىن چۈشىدۇ. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ.


سىلەر تاغنىڭ ئېتىكىگە كېلىپ تۇردۇڭلار. تاغ كۆيۈپ، ئوت يالقۇنى ئاسمانغا تاقاشقانىدى. قارا بۇلۇت ۋە قاراڭغۇلۇق تاغنى قاپلىغانىدى.


ئۇ پەرىشتىلىرىنى جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئۆزى تاللىغان كىشىلەرنى ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە، دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.


سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ئالەمدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار بۇنداق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتىكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلساق، ئۇ جازادىن بىز قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز!؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite