Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 12:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 قاتتىق تەربىيە بىلەن تۈزىتىلگەن ئادەم تۈزىتىش بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خۇشال بولمايدۇ، كۆڭلى بۇزۇلىدۇ. بىراق، كېيىن ئۇ بۇنداق تۈزىتىش بىلەن تاۋلىنىپ، ئامانلىق ۋە ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 12:11
20 Referans Kwoze  

بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر سىلەرنىڭ ھەر خىل سىناقلار تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت تارتىپ، ھەسرەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈڭلار.


يەر-يۈزىدىكى ئاتىمىز بىزنى پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن يول بويىچە ۋاقىتلىق تەربىيىلەيدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ تەربىيىسى ھەمىشە بىزنىڭ پايدىمىز ئۈچۈندۇر. ئۇ بىزنى ئۆز پاكلىقىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن تەربىيىلەيدۇ.


مېنى قاتتىق جازالىغان بولسىمۇ پەرۋەردىگار، ئەمما تاشلاپ قويمىدى ئۆلۈمگە زىنھار.


ھەققانىيەتنىڭ نەتىجىسى تىنچلىق بولىدۇ، ئۇ مەڭگۈ خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنى ئېلىپ كېلىدۇ.


پەرزەنتىڭگە بەر تۈزىتىش تەربىيىسى ئۈمىد بار ۋاقتىدا، لېكىن غەزىپىڭ كەلگىنىدە ئۇنى نابۇت قىلما.


تەلىمىڭنى سۆيگەنلەرگە ئامانلىق بولار، ھېچ نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلماس ئۇلار.


دۇچ كېلەر قاتتىق جازاغا توغرا يولنى تاشلىغۇچى، ھالاك بولار تەنبىھىنى رەت قىلغۇچى.


يېمەكلىك بولسا يېتىلگەنلەر ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئېڭى يېتىلىش جەريانىدا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە كۆنگەندۇر.


چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ياشاش ئەمەس، بەلكى ھەققانىيلىق، ئىناقلىق ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە ياشاش مۇھىمدۇر.


ئۇندا مەن ئىتائەتسىزلىكلىرىنى تاياق بىلەن، گۇناھلىرىنى يارا-جاراھەت بىلەن جازالايمەن.


ئۇلارنىڭ قەلبى زىناخورلۇق ھەۋەسلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، توختىماستىن گۇناھ سادىر قىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئېتىقادتا ئاجىز كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئاچكۆزلۈككە كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ لەنىتىگە كەتكەنلەردۇر.


پەرۋەردىگار مىسىرغا زەربە بېرىدۇ ۋە ئاندىن ئۇنىڭغا شىپالىق بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا شىپالىق بېرىدۇ.


ھازىر ھەققانىيلىق تاجى مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئادىل سوراق قىلىدىغان رەببىمىز قايتا كەلگەندە، ماڭا كىيدۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنى يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە كىيدۈرىدۇ.


سارەنىڭ بۇ گېپى ئىبراھىمنى ئىنتايىن قايغۇغا سالدى، چۈنكى ئىسمائىلمۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite