Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 11:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئېتىقادى ۋەجىدىن، نۇھ پەيغەمبەر تېخى كۆرۈلۈپ باقىمغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كېمە ياسىدى. ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 11:7
41 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: _ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا تولۇپ كەتتى. شۇڭا مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنى دۇنيا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىمەن!


سولاپ قويۇلغان بۇ روھلار بۇرۇنقى زاماندا نۇھ پەيغەمبەر كېمە ياساۋاتقان مەزگىلدە خۇدا سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارنىڭ توۋا قىلىشىنى كۈتسىمۇ، خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان كىشىلەرنىڭ روھلىرىدۇر. نۇھ پەيغەمبەر ياسىغان كېمىدە پەقەت بىرقانچە كىشىلا، يەنى جەمئىي سەككىز كىشى بولۇپ، ئۇلار سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەققانىيلىقى ئارقىلىق پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى.


خۇدا ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ بۇ دۇنياغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى. بۇ، ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ، ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغانلىقىدىن بولغان.


نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان زامانىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ.


لېكىن، ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بىزلەر بولساق، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادەتلىرىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى، بالا-چاقىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالمايتتى.


ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ۋاقتىدا، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالايدىغان خۇدانىڭ ئالدىدا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى خۇداغا يەتكەنىدى.


خۇدا ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەمگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ يەردە ئايرىمىچىلىق يوقتۇر.


بۇ خۇش خەۋەردە خۇدانىڭ ئىنسانلارنى نېمىگە ئاساسەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇنداق جاكارلاش باشتىن-ئاخىر ئېتىقادقا ئاساسلانغاندۇر. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئادەم ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.»


پەرىسىي ۋە سادۇقىي ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!


زېرەك كىشى خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ قاچار، نادان قارىغۇلارچە ئالغا بېسىپ ئازاب تارتار.


خۇدا يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلارنى، يەنى ئىنسانلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە قۇشلارنى يوقاتتى. پەقەت نۇھ بىلەن ئۇنىڭ كېمىسىدىكى جانلىقلارلا ھايات قالدى.


خۇدا سۇ بىلەن، يەنى كەلكۈن سۈيى بىلەن نۇھ پەيغەمبەر ياشىغان دۇنيانى غەرق قىلغانىدى.


خۇدا قەدىمكى زامانلاردا ياشىغان كىشىلەرنىمۇ ئاياپ قويمىدى. ئۇلار گۇناھقا بېرىلگەن بولغاچقا، خۇدا دۇنيانى كەلكۈن بىلەن غەرق قىلىپ، ئۇلارنى جازالىدى. خۇدا پەقەت شۇ زاماندىكى كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا مېڭىشقا دەۋەت قىلغان نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى يەتتە كىشىنى ساقلاپ قالدى.


ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەلچىسى بولغان مەنكى سىمۇن پېترۇستىن سىلەرگە سالام! سىلەر بىزنىڭ خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئادىللىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر بولدۇڭلار.


ئېتىقاد خۇدانىڭ ۋەدىسىگە باغلانغان ئۈمىدنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ، كۆرۈنمەيدىغان مەۋجۇتلۇققا بولغان قايىللىقتۇر.


لېكىن، ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا نىسبەتەن مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن: ˜ئاسمانغا كىم چىقىدۇ؟Œ (يەنى ئەيسا مەسىھنى ئېلىپ چۈشۈش ئۈچۈن) ياكى بولمىسا ˜گۆرگە كىم چۈشىدۇ؟Œ (يەنى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن)» دەپ سوراپ يۈرمەڭلار.


ئۇنىڭ خەتنە قىلىنىشى كېيىن بولدى. بۇ، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئاللىقاچان قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىمنىڭ بۇرۇنلا ئېتىقادى بار بولۇپ، خەتنە پەقەت ئۇنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئاتىسى بولدى.


نۇھ توپان كېلىشتىن ئىلگىرى كېمىگە ئولتۇرغان كۈنگىچە، شۇ زاماننىڭ كىشىلىرى بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ كەلگەنىدى.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، مەن بۇلارنى ئېيتىش بىلەن سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم.


شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنىڭ لايىقلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر بۇ شەھەردىن دەرھال كېتىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى خاراب قىلماقچى، _ دېدى. لېكىن ئۇلار لۇتنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.


نۇھ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.


نۇھنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: نۇھنىڭ سام، ھام، يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. نۇھ ئۆز زامانىدا بىردىنبىر دۇرۇس، قۇسۇرسىز ئادەم بولۇپ، خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ ياشىغانىدى.


ئۇنداقتا، بۇنى مۇنداق يىغىنچاقلايمىز: ھەققانىيلىقنى ئىزدىمىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى، ئۇلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا ئېرىشتى.


زېرەك خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ قاچار، نادان قارىغۇلارچە ئالغا بېسىپ ئازاب تارتار.


- دانىيال پەيغەمبەر ئېيتقان «يىرگىنچلىك ۋەيران قىلغۇچى»~نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخانلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن)


نۇھ خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.


ئۇلار بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنت قىلمىغانىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شورىدۇر. ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشنى پىسەنتىگە ئالغان بولسا، جانلىرى ئامان قالغان بولاتتى.


ئۇلار قايتماقچى بولغاندا خۇدا ئۇلارنىڭ چۈشىدە ھىرود پادىشاھنىڭ يېنىغا بارماسلىققا بېشارەت بەرگەنلىكتىن، ئۇلار باشقا يول بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشتى.


بۇ روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر پەقەتلا ئەرشتىكى چېدىرنىڭ ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇسا پەيغەمبەر دەل ئىبادەت چېدىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭغا: «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.


سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ئالەمدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار بۇنداق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتىكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلساق، ئۇ جازادىن بىز قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز!؟


ئۇ ئايال ئېلىشانىڭ يېنىدىن قايتىپ كېلىپ، ئوغۇللىرى بىلەن ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى ئەتتى. بالىلىرى قۇرۇق كوزىلارنى ئاپىسىغا سۇنۇپ تۇردى، ئاپىسى ياغ قۇيدى.


سېنىڭ گۇناھلىرىڭ پەقەت ئىنسانلارغىلا زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەققانىيىتىڭ پەقەت پانىي دۇنيادىكى ئىنسانلارغىلا مەنپەئەت بېرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite