ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 11:39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى39 ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادى بىلەن خۇدانى خۇرسەن قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ ھايات ۋاقتىدا خۇدا ۋەدە قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئېرىشكىنى يوق. Gade chapit la |
خۇدا بۇ پەيغەمبەرلەرگە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۈگۈنكى كۈندە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزدى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈشكە تەلپۈنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. ئۇ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇلارنى گۇناھ سادىر قىلىش سەۋەبلىك كونا ئەھدە تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدىن ئىبارەت جازادىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلدى.