25 ئۇ گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىشتىن كېلىدىغان ۋاقىتلىق خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە ئازاب چېكىشنى تاللىدى.
بەرھەق، ئىبادەتخاناڭدا ئۆتكەن بىر كۈن، ئەۋزەلدۇر باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن. ئەلا بىلىمەن خۇدا ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇشنى، رەزىللەرنىڭ راھەت-پاراغەتلىك ئۆيىدە ياشاشتىن.
بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ.
ئاگاھ بول، گۇناھ يولىنى تۇتما! چۈنكى خۇدا سېنى بۇ يولدا ماڭمىسۇن دەپ، بېشىڭغا بۇ ئازابنى چۈشۈردى.
ئەيش-ئىشرەتتە ھەشەمەتچىلىك بىلەن ياشىسا قانداق، بېرىڭلار ئۇنىڭغا ئازاب ۋە ئەلەم شۇنداق. چۈنكى ماختىنىدۇكى ئۇ ئۆز كۆڭلىدە: ئولتۇرىمەن خانىشتەك تەختتە، تۇل ئەمەسمەن. تۇتماسمەن ئەسلا ماتەم!Œ
گۇناھكارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى، ئىمانسىزنىڭ خۇشاللىقىنىڭ بىردەملىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭ؟
بۇرۇن سىلەر خۇدانىڭ خەلقى ئەمەس ئىدىڭلار. لېكىن، ئەمدى خۇدانىڭ خەلقىسىلەر. بۇرۇن سىلەر خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ئەمدى ئېرىشتىڭلار.
سىلەر بۇ دۇنيادا باياشات ۋە ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشاۋاتىسىلەر. قويلار بوغۇزلىنىدىغان كۈنگە قەدەر بوردالغانغا ئوخشاش، سىلەرمۇ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۆزۈڭلارنى بورداۋاتىسىلەر.
چۈنكى، غەزەپلەنسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەققانىي ئىشلارنى قىلالمايسىلەر.
چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى، قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىدى، خورلاندى.
خۇدا قەلبىڭلارنى يورۇتقان ئاشۇ كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. شۇ ۋاقىتلاردا، ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇردۇڭلار.
قىسقىسى، خۇدانىڭ يەتتىنچى كۈنىدىكى ئاراملىقى خۇدانىڭ ئۆز بەندىلىرىنى كۈتۈۋاتىدۇ.
شۇڭا، رەببىمىز ھەققىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشكە تەييار تۇر.
مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن.
بىز قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ يەنىلا شاد-خۇرام بولىمىز. چۈنكى، بىزگە مەلۇمكى، قىيىنچىلىق سەۋرچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،
«ئەي ئوغلۇم» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم، «ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆردۈڭغۇ! لازار بولسا ھەممە جاپانى تارتتى. ئەمدى ئۇ بۇ يەردە راھەت كۆرۈۋاتىدۇ، سەن بولساڭ ئازابلىنىۋاتىسەن.
ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا يىلتىز تارتمىغاچقا، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، خۇدا يولىدىن دەرھال چەتنەپ كېتىدۇ.
بېشىم پۈتۈنلەي گاڭگىراپ قالدى، قورقۇنچتىن تىترەپ تۇرىمەن. مەن كەچكى شەپەقنى كۈتكەنىدىم. ئەپسۇس، كۆرگىنىم مېنى چۆچۈتۈپ قويدى.
يىغىلىپ جاھاندىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈمدارلىرى، قوشۇلىدۇ ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ خەلقىگە، بەرھەق، خۇداغا تەۋەدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھلىرى، ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، جاھان ئەھلى ئۇلۇغلار ئۇنى.
پادىشاھ ئالىيلىرى، بىلىپ قالسىلا، ئۇ بىزنى قۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، بىز سىلىنىڭ ئىلاھلىرىغا ياكى سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايمىز، _ دېدى.
مەن مىسىردىكى بەندىلىرىمنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ھەقىقەتەن ئاڭلىدىم. شۇڭا، مەن ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى چۈشتۈم. ئەمدى بارغىن. مەن سېنى مىسىرغا ئەۋەتەي!» دېدى.