Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 11:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ئېتىقادى ۋەجىدىن، مۇسا پەيغەمبەر تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى. چۈنكى، ئۇلار مۇسانىڭ ئادەتتىكى بالا ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 11:23
16 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز خەلقىگە: _ ئىسرائىللاردىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنى نىل دەرياسىغا تاشلاڭلار، قىز بوۋاقلىرىنىلا تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دەپ ئەمر قىلدى.


_ سىلەر ئىبرانىي ئاياللىرىنى تۇغدۇرغان ۋاقتىڭلاردا، بوۋاقنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىگە قاراڭلار. ئەگەر ئوغۇل تۇغۇلسا، بوۋاقنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، قىز تۇغۇلسا، تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دېدى.


شۇڭا، زەبۇردا يېزىلغاندەك يۈرەكلىك ئېيتالايمىزكى: «قورقمايمەن، رەببىم ياردەمچىمدۇر. كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟»


تېنىڭلارنى ئۆلتۈرسىمۇ، جېنىڭلارنى ئالالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار. ئەكسىچە، تېنىڭلارنىمۇ، جېنىڭلارنىمۇ دوزاختا ھالاك قىلالايدىغان خۇدادىن قورقۇڭلار.


مۇسا پەيغەمبەر مانا شۇ چاغلاردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە بالا ئىدى. ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۆيدە ئۈچ ئاي باققاندىن كېيىن،


ئەي ئىسرائىللار! سىلەر: ‹بىز كىچىك قۇرتتەك تۇرساق› دەپ ئويلىغان بولساڭلارمۇ، قورقماڭلار! سىلەرگە ئۆزۈم ياردەم قىلىمەن. مەن قوغدىغۇچىڭلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن.


قورقمايمەن، مەن تەرەپتە پەرۋەردىگار، نېمە قىلالىسۇن مېنى ئىنسانلار!


دانىيال بۇ پەرماننىڭ چۈشكىنىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر بالىخانا بار ئىدى. بالىخانىنىڭ دېرىزىسى يېرۇسالېم تەرەپكە قاراپ ئېچىلغانىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا دۇئا قىلىپ، دۇئا قىلدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن، پەقەت ۋە پەقەت مەنلا سىلەرگە تەسەللى بېرەلەيمەن. سىلەر كىمدىن قورقىسىلەر؟ ئۆلىدىغان ئادەمدىنمۇ؟ خۇددى ئوت-چۆپكە ئوخشاش سولىشىپ خازان بولىدىغان ئىنساندىنمۇ؟


ئەي ھەققانىيلىقنى بىلگەنلەر، مېنىڭ قانۇنلىرىمنى قەلبىگە چىڭ پۈككەنلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! باشقىلارنىڭ سىلەرنى ھاقارەتلىشىدىن قورقماڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەرنى ئاھانەت قىلىشىدىنمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭلار.


قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite