Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 10:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 چۈنكى، بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى ئىنسانلارنى گۇناھتىن ھەرگىز پاك قىلالمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 10:4
19 Referans Kwoze  

روھانىيلار ھەر كۈنى قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن گۇناھلارنى يۇيالمايدىغان ئوخشاش خىلدىكى قۇربانلىقلارنى خۇداغا قايتا-قايتا سۇنىدۇ.


ھالبۇكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانلارنى گۇناھىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.


مانا بۇ، ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەمدۇر، ئۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرۈۋېتىمەن.»


ئەيسا مەسىھ ئالدى بىلەن خۇداغا: «قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەرنى تەلەپ قىلمىدىڭ. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ ئۈچۈن سۇنۇلغان باشقا قۇربانلىقلاردىنمۇ خۇرسەن بولمىدىڭ» دېگەن. بۇ قۇربانلىقلار تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە قىلىنسىمۇ، ئۇ يەنىلا شۇنداق دېگەن.


مانا بۇلار ھازىرقى زامان ئۈچۈن بىر تەجرىبە ساۋاقتۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنى پاك ۋىجدانلىق قىلالمايدۇ.


ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر!


ئىنساننىڭ خۇدانى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەردىنمۇ مۇھىمدۇر.


قۇربانلىقنى ئەمەس، مەن رەھىمدىللىكنى ئىستەيمەن، مەنكى خۇدانى تونۇش كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.


ئىستىمەيسەن قۇربانلىق قىلىشنى، بولمىسا قىلار ئىدىم ئۇنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلساممۇ خۇرسەن قىلماس كۆڭلۈڭنى.


توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار ۋە مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «بارلىق گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت قىلىپ، بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، مەدھىيەلىرىمىزنى قۇربانلىق ئورنىدا قوبۇل قىلغايسەن!


ئۇلار ماڭا شىبادىن كەلتۈرۈلگەن مەستىكى رۇمى ياكى يىراق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن پۇراقلىق ئېگىر كۆيدۈرسىمۇ، كارىم يوق! مەن ئۇلارنىڭ ماڭا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىدىن خۇشال بولمايمەن.


لېكىن بەزىلەر مەن ئۈچۈن كالا بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئاتاپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدۇ، ماڭا قوي قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئىتنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ سۇنىدۇ، ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇپ، يەنە ھەم بۇتلارغا چوشقا قېنىنى سۇنىدۇ، ماڭا ئىسرىق سېلىپ، يەنە ھەم ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى مەدھىيەلەيدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ يوللىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ، قەلبىدىكى يىرگىنىشلىك ئىشلىرىدىنمۇ خۇرسەن بولىدۇ.


تەۋرات قانۇنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىدىغان گۈزەل ئىشلارنىڭ ئۆز ئەينىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كۆلەڭگىسىنىلا سۈرەتلەپ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنى ئۆزىگە ئەمەل قىلىپ، يىلمۇيىل ئوخشاش قۇربانلىقلارنى ئاتاش ئارقىلىق خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان ئادەملەرنى ھەرگىزمۇ گۇناھلىرىدىن پاك قىلالمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite