27 بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق ۋە خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى ئۆرتەپ تۈگىتىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشتۇر.
ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.
شۇنداق ئىكەن، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇلۇشقا كۆز يۇمساق، قانداقمۇ شۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! قۇتقۇزۇلۇش خەۋىرىنى دەسلەپتە رەببىمىز ئۇقتۇرغان، ئۇنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار بۇ قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ھەقلىقى توغرىسىدا بىزگە گۇۋاھلىق بەرگەن.
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى پۈتۈن زېمىننى كۆيدۈرۈپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارنى دەھشەتلىك ھالدا ھالاك قىلىدۇ.
ئىسمى ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوت كۆلىگە تاشلاندى.
سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ئالەمدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار بۇنداق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتىكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلساق، ئۇ جازادىن بىز قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز!؟
ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەن.
ۋە ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگەن ھامان: - ئى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىشىمىزغا ئارىلاشما! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەستىنلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ - دەپ توۋلىدى.
پەرۋەردىگار ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان ۋە ئىنتىقام ئالىدىغان خۇدادۇر. پەرۋەردىگار ئىنتىقام ئالىدىغان ۋە غەزەپلىنىدىغان خۇدادۇر. پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئۇ ئۆز رەقىبلىرىگە قەھرى بىلەن قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ.
ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلارنى بولسا ھامان دات باسىدۇ. بۇ دات قىيامەت كۈنىدە شەخسىيەتچىلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ، دوزاختا كۆيۈشۈڭلارغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، سىلەر بۇ ئاخىر زاماندا بايلىق توپلاش بىلەنلا بولۇپ كېتىۋاتىسىلەر.
چۈنكى، خۇدايىمىز ھەممىنى ھالاك قىلالايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ.
ئاندىن سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ غالچىلىرىغا ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا كىرىڭلار!
ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى.
پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى مېنى كۈتۈڭلار، مېنىڭ سوراق كۈنۈمنى كۈتۈڭلار! مەن ھەممە ئەللەر ۋە خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا قەھر-غەزىپىمنى چېچىش قارارىغا كەلدىم. پۈتۈن دۇنيا غەزەپ ئوتۇم بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.»
مەن ئاسمان-زېمىندا مۆجىزە كۆرسىتىمەن، سىلەر قان، ئوت ۋە تۈتۈنلەرنى كۆرىسىلەر.
ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان سەجدىگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى تىكەن ۋە ئازغان بېسىپ كېتىدۇ. ئىسرائىلىيەلىكلەر تاغلارغا: «بىزنى بېسىڭلار!»، ئېدىرلارغا: «ئۈستىمىزگە غۇلاڭلار» دەپ ئۆتۈنىدۇ.
ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ باستى. چىرايى تاتىرىپ، پۇتلىرى ھالسىزلىنىپ، تىزلىرى تىترەشكە باشلىدى.
مەن قاتتىق قەھر-غەزىپىم بىلەن شۇنى جاكارلايمەنكى، ئۇ كۈنى ئىسرائىلىيەدە قاتتىق يەر تەۋرەيدۇ.
‹مەن يات ئەللەرنى ۋە ئىدومنى قەھر-غەزىپىم بىلەن ئەيىبلەيمەن، چۈنكى ئۇلار زېمىنىمنى خۇرسەن بولغان ۋە ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمىغان ھالدا ئىگىلىۋالدى ھەم ئوتلاقلىرىمنى يۇتۇۋالدى.›»
ئەي، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقى، سىلەر خەتنە قىلىپ، خەلقىم بولغانىكەنسىلەر، قەلبىڭلارنى پاكلاپ، ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، قىلغان رەزىللىكىڭلار ئۈچۈن، غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.»
سىئون تېغىدىكى گۇناھكارلارنى قورقۇنچ باسىدۇ. ئىمانسىزلارنى تىترەك باسىدۇ. ئۇلار سورىشىدۇ: «بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق ھۇزۇرىدا تۇرالايدۇ؟ ئارىمىزدىن كىملەر مەڭگۈلۈك ئوت ئىچىدە ياشىيالايدۇ؟»
تونۇردىكى چوغلار كەبى كۆيەر ئۇلار، نامايان قىلغىنىڭدا قەھرىڭنى، يالماپ كېتەر ئوت يالقۇنى _ غەزەپلىرىڭ يۇتار ئۇلارنى.
ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، زېمىنىنى ۋە خەلقىنى گۇناھتىن پاكلايدۇ.
پەرۋەردىگار يەنە ئوت چۈشۈرۈپ، ئىسرىق سېلىۋاتقان 250 ئادەمنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى.
ئۇ چاغدا، كىشىلەر خۇدانىڭ غەزىپىدىن قېچىش ئۈچۈن تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگىمۇ: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ يالۋۇرىدۇ.
ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانلار دۇنياغا كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ئېسىگە ئېلىپ، ۋەھىمە ئىچىدە غال-غال تىترەپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ.
مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمگە كەلسەك، ئۇلارنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىپ، كاللىسىنى ئېلىڭلار!»
«ئى بوۋام ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارنى ئەۋەتكەيسەن. ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۇ تېمىتىپ، تىلىمنى نەمدەپ قويغاي، چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپتۇ.
ئەگەر بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، خۇدا ئۇنىڭغا مۇرەسسەچى بولىدۇ. لېكىن بىر كىشى پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭغا كىممۇ مۇرەسسەچى بولالىسۇن؟ _ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى.
ۋە ئۇلار يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ. ياخشىلىق قىلغانلار تىرىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ، يامانلىق قىلغانلار تىرىلىپ سوراققا تارتىلىدۇ.