Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 10:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 خۇدانىڭ ئائىلىسىگە، يەنى ئېتىقاچىلار جامائەتچىلىكىگە مەسئۇل بىر باش روھانىيىمىز بولغان ئىكەن،

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 10:21
12 Referans Kwoze  

شۇڭا، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە رەھىمدىل ۋە سادىق باش روھانىي بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ كەچۈرۈشىگە ئېرىشتۈرىدىغان قۇربانلىقنى بېرەلەيتتى.


ئېيتقانلىرىمنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى شۇكى: ئەرشتىكى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرىدىغان بىر باش روھانىيىمىز بار.


ئەيسا مەسىھ بىزگە يول ئېچىش ئۈچۈن، ئۇ يەرگە بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، بىزلەر ئۈچۈن مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتىكى مەڭگۈلۈك باش روھانىي بولدى.


ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.


شۇنداق ئىكەن، ئەي ماڭا ئوخشاش ئەرشكە چاقىرىلغان، خۇداغا ئاتالغان قېرىنداشلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان، خۇدانىڭ ئەلچىسى ۋە باش روھانىيسى بولغان ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭلار.


ئەگەر مەن يېنىڭغا ۋاقتىدا بارالمىسام، بۇ خېتىم ساڭا خۇدانىڭ ئائىلىسى ئىچىدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئائىلە بولسا مەڭگۈ ھايات خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدۇر. بۇ جامائەتچىلىك ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئاساسىدۇر.


ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇس [مەنىسى «تاش»]. مەن جامائەتچىلىكىمنى بۇ تاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈمنىڭ كۈچىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite