Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 10:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ئەرشتىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا يۈرىكىمىز توق ھالدا كىرەلەيمىز.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 10:19
20 Referans Kwoze  

دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەممەيلەن قەلبىمىزدىكى ئوخشاش بىر مۇقەددەس روھقا تايىنىپ خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىغا بارالايمىز.


ئۇ بۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ قۇربانلىق قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنىنى تۆكۈش ئارقىلىق بىرلا قېتىم كىردى. مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، ئىنسانلارنى مەڭگۈگە ئازاد قىلدى.


شۇڭا، يۈرىكىمىز توق ھالدا مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ تەختىگە يېقىنلىشايلى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا ياردەمگە ئىگە بولالايمىز.


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزدىن يۈرىكىمىز توق ھالدا ئىشەنچ بىلەن خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز.


ئېتىقادىمىز بولغاچقا، ئەيسا مەسىھ بىزنى بىز ھازىر بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ مېھىر-شەپقەتكە ئىگە قىلدى. شۇڭا، بىز خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈمىدىدە شاد-خۇرام بولماقتىمىز.


شۇنىڭ ئۈچۈن، زىلزىلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولغىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھۆرمەت ۋە ئەيمىنىش بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلايلى.


مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ. قىيامەت كۈنى، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز توق بولىدۇ. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، ھازىر بىزمۇ بۇ دۇنيادا شۇ مېھىر-مۇھەببەتتىن بەھرىمەندۇرمىز.


ئەمدى سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھ سىلەرنى قۇل قىلىپ، قۇل خوجايىنىدىن قورققاندەك قورقۇنچقا سالمايدۇ. ئەكسىچە، سىلەر بۇ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئەتىۋارلاپ بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى بولۇپ، خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا!» دەپ چاقىرالايدىغان بولدۇڭلار.


چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ بىزنى قورقۇنچقا سالمايدۇ، بەلكى خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزنى كۈچ-قۇدرەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.


ئۇ يەردىكى پەردىنىڭ كەينىدە ئەڭ مۇقەددەس دەپ ئاتالغان يەنە بىر بۆلۈم بار ئىدى.


شۇ سەۋەبتىن، ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. ئۇ مەڭگۈ ھايات بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.


شۇنداق ئىكەن، ئەي ماڭا ئوخشاش ئەرشكە چاقىرىلغان، خۇداغا ئاتالغان قېرىنداشلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان، خۇدانىڭ ئەلچىسى ۋە باش روھانىيسى بولغان ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭلار.


لېكىن، ئەيسا مەسىھ بولسا ئوغۇل بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ ئائىلىسىنى سادىقلىق بىلەن باشقۇردى. ئەگەر بىز جاسارىتىمىزنى ۋە ئىپتىخارلىنىدىغان ئۈمىدىمىزنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرساق، خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز.


شۇڭا، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنغانىكەن، يەنە گۇناھلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار. بۇ جاسارەتنىڭ ئىنئامى ئىنتايىن زوردۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite