ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 1:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 ھەققانىيەتنى سۆيدۈڭ، ناھەقلىقتىن نەپرەتلەندىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا - سېنىڭ ئىگەڭنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شان-شۆھرەت ۋە پەخرىي شادلىقى ھەمراھلىرىڭغا ئاتا قىلغىنىدىن كۆپ زىيادىدۇر» دېگەن. Gade chapit la |
سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.
«خۇدانىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا. چۈنكى، ئۇ مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللاپ، كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى تۇتقۇنلارغا: ˜ئازاد بولىسىلەر!Œ، قارىغۇلارغا: ˜كۆرەلەيدىغان بولىسىلەر!Œ دەپ جاكارلاشقا ئەۋەتتى. خۇدا مېنى ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشكە، خۇدانىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى.»