7 خۇدا پەرىشتىلەر ھەققىدە: «خۇدا خىزمەتكارلىرى بولغان ئۆز پەرىشتىلىرىنى شامال ھەم ئوت يالقۇنى قىلار» دېگەن بولسا،
شامال قىلىسەن پەرىشتىلىرىڭنى، ئوت يالقۇنى قىلىسەن خىزمەتكارلىرىڭنى.
شۇنداق ئىكەن، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر.
ئاندىن ئۇ دۇئا قىلىپ: _ ئى پەرۋەردىگارىم! سەندىن تىلەيمەنكى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن، _ دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ خىزمەتكارىنىڭ كۆزىنى ئاچتى. ئۇ يالقۇنلىنىپ تۇرغان ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاغ باغرىنى قاپلاپ، ئېلىشانى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
ئۇلار پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى، بىردىنلا ئوت يالقۇنلاپ تۇرغان ئاتلار قېتىلغان ھارۋا پەيدا بولۇپ، ئىككىيلەننى ئايرىۋەتتى. ئىلياس قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.
پەرىشتە ماڭا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ئۇلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن تۆت تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقان ساماۋى شاماللار.
ئوت ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغانلار خىزمەت قىلاتتى، ئالدىدا سان-ساناقسىزلار كۈتۈپ تۇراتتى. سوئال-سوراق باشلىنىپ، پۈتۈكلەر ئېچىلدى.
ئۈستى تەرىپىدە يېنىپ تۇرغان «سىراف»لار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتە قانىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى قانىتى يۈزىنى يېپىپ تۇراتتى، يەنە ئىككى قانىتى پۇتلىرىنى يېپىپ تۇراتتى، قالغان ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچۇپ تۇراتتى.
خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى قوغداش ئۈچۈن، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارنى ۋە ھەر تەرەپكە بارالايدىغان ئوتلۇق بىر قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردى.
مىكايا يەنە مۇنداق دېدى: _ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى.