6 ھالبۇكى، خۇدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق بىردىنبىر ئوغلىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە، «پۈتكۈل پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» دېگەن.
ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىدىن ئىبارەت بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پۈتكۈل مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈككە تىرىلدۈرۈلگەن.
ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، زېمىنىنى ۋە خەلقىنى گۇناھتىن پاكلايدۇ.
شەرمەندىلىكتە قالار ئاخىر بۇتپەرەسلەر، ئەرزىمەس بۇتلىرىنى ماختىغانلار. پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلار بارلىق «ئىلاھلار».
ئەيسا مەسىھ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان خۇدانىڭ ئوبرازىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھ ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرماقتا. پەرىشتىلەر، ئەرشتىكى ھوقۇقدارلار ۋە باشقا بارلىق كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا تىز پۈكمەكتە.
«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.
سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،
چۈنكى، خۇدا ئەلمىساقتىلا بۇ كىشىلەرنى بىلگەن. ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئەيسا مەسىھنى بۇ نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى ئوغلى قىلىش ئىدى.
خۇدا بىزنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتتى.
خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس. بىراق، ئۇنى ئاتىمىز خۇدانىڭ ھەمراھى ۋە يېگانە ئوغلى، شۇنداقلا ئۆزى خۇدا بولغان ئەيسا مەسىھ بىزگە بىلدۈردى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ دۇنياغا كەلگەندە مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلاردىن قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەرنى تەلەپ قىلمىدىڭ، لېكىن مەن ئۈچۈن بىر تەن ھازىرلىدىڭ.
چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى.
چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيلگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، بۈگۈن مەن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى جاكارلىدىم.» بۇ سۆزنى خۇدا ھەرقانداق بىر پەرىشتىسىگە دېگەن ئەمەس، شۇنداقلا خۇدا يەنە ھېچقانداق بىر پەرىشتە توغرۇلۇق: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ.» دېگەنمۇ ئەمەس.
خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئاڭلىتىلىشى ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ، ئاندىن زامان ئاخىرى كېلىدۇ.