4 دېمەك، ئوغۇلغا بېرىلگەن مەرتىۋە پەرىشتىلەرنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن بولغىنىدەك، ئوغۇلنىڭ ئۆزىمۇ ئۇلاردىن كۆپ ئۈستۈندۇر.
خۇدا ئەيسا مەسىھنى پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيادىمۇ بارلىق ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، رەزىل كۈچلەر، مەنسەپدارلار ۋە تىلغا ئالغىلى بولىدىغانلىكى ئەمەللەرنىڭ ئۈستىگە چىقاردى.
تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھ ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرماقتا. پەرىشتىلەر، ئەرشتىكى ھوقۇقدارلار ۋە باشقا بارلىق كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا تىز پۈكمەكتە.
لېكىن، ھازىر بىز ئۆزىنى قۇربان قىلىش سەۋەبىدىن شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھنى كۆردۇق. ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى دەپ، بىر مەزگىل پەرىشتىلەردىن تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى.
شۇنداقلا، رەببىمىز ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلەر ۋە يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئەرشتىن قايتا كەلگەن چاغدا، خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن سىلەرگە ۋە بىزگە ئاراملىق بېرىدۇ.
سىلەر روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى بارلىق ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئۈستۈن تۇرغۇچى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىسىلەر.
ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىدىن ئىبارەت بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پۈتكۈل مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈككە تىرىلدۈرۈلگەن.
ھەققانىيەتنى سۆيدۈڭ، ناھەقلىقتىن نەپرەتلەندىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا - سېنىڭ ئىگەڭنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شان-شۆھرەت ۋە پەخرىي شادلىقى ھەمراھلىرىڭغا ئاتا قىلغىنىدىن كۆپ زىيادىدۇر» دېگەن.
سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن ئاتىسىنىڭ خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىسىمۇ، رەت قىلىندى. ئۇ پۇشايمان قىلىپ، دۇئا ئېلىش ئۈچۈن ھەتتا كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، كېچىككەنىدى.