Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 1:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 1:3
42 Referans Kwoze  

«پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز! شان-شەرەپ، ھۆرمەت ۋە قۇدرەتكە لايىقسەن. چۈنكى، ھەممىنى سەن ياراتتىڭ. ھەممە شەيئى خاھىشىڭ بىلەن يارىتىلىپ ۋۇجۇدقا كەلدى.»


«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.


چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولغان شەيتان خۇدانىڭ ئوبرازى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدىغان خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئېتىقادسىزلارنىڭ دىلىنى يورۇتمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويدى.


كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.


«كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى.


بىراق، بىزنىڭ روھانىيىمىز بولسا ئۆزىنى قۇربان قىلىش بىلەن گۇناھلارنى يۇيىدىغان بىرلا قېتىملىق، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك قۇربانلىقنى خۇداغا سۇندى. ئاندىن ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ،


ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىپ قۇربان بولۇشىغا توغرا كېلەتتى. لېكىن، ئەيسا مەسىھ مانا بۇ ئاخىر زاماندا ئىنسانلارنى گۇناھتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن، بىر يولىلا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنى قۇربان قىلدى.


شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.


خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ ئەرشكە چىقىپ كەتكەن ئۇلۇغ باش روھانىيىمىز بولغاچقا، ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى.


ھالبۇكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانلارنى گۇناھىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.


بىز ئەلچىلەر سىلەرگە ئۇقتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە قايتا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ئويدۇرۇپ چىقمىدۇق. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنمىز.


تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھ ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرماقتا. پەرىشتىلەر، ئەرشتىكى ھوقۇقدارلار ۋە باشقا بارلىق كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا تىز پۈكمەكتە.


سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان.


ئېيتقانلىرىمنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى شۇكى: ئەرشتىكى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرىدىغان بىر باش روھانىيىمىز بار.


رەببىمىز ئەيسا ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.


تۇرسىمۇ گەر يەر-زېمىنلار تەۋرىنىپ، ئۆزۈمدۇرمەن قويغۇچىسى ئاڭا تۈۋرۈك ئورنىتىپ.» سېلاھ


مەن غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇردۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ غەلىبە قىلغۇچىلارغا تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن.


ئۇ ئىلگىرىكى باش روھانىيلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، كېيىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى بىر يولىلا ئادا قىلدى.


خۇدا ئۇنى تىرىلدۈرۈپ ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى چوڭ شان-شەرەپكە ئىگە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. ھەزرىتى ئەيسا خۇدائاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئۇنىڭدىن ئالدى ۋە ھازىر كۆرۈۋاتقان، ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلاردەك، بۇ روھنى بىزلەرگە چۈشۈردى.


ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر!


ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە تىرىلگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ئەرشتىكى ئىشلارغا ئىنتىلىڭلار. ئەيسا مەسىھ ئەرشتە خۇدانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ.


كىم بىزنى گۇناھقا مەھكۇم قىلالايدۇ؟ ھېچكىم! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن ئۆلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ تىرىلدۈرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ھوقۇق تۇتۇپ، بىز ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلماقتا.


- قاراڭلار! ئاسمان ئېچىلىپ، ئىنسانئوغلى ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم! - دېدى ئۇ.


پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە: «ئولتۇرغىن سەن مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا، مەن دەسسەتكۈچە دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىغا.»


ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر! ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر، سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن!


بۇ خۇش خەۋەردىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئايان بولۇپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەر بىر كىشى قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئاۋۋال يەھۇدىيلارغا، كېيىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە تارقىتىلغان.


ئۇ قەددىنى رۇسلاپ، پەرۋەردىگارى خۇدانىڭ كۈچى ۋە بۈيۈك نامى بىلەن خەلقىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، خەلق خاتىرجەم ياشايدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ داڭقى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يېتىپ بارىدۇ.


پادىشاھنىڭ سۆزى قانۇندۇر. كىممۇ ئۇنىڭدىن: «نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟» دەپ سورىيالايدۇ؟


خۇدا شىمالدىن ئالتۇن رەڭلىك نۇر بىلەن كېلىدۇ، ئۇلۇغ ھەيۋىسى بىلەن كېلىدۇ.


ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرۇلسا، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ئۆلمىگۈچە، ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.


- ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى پەرزەنت كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تەلىم بەرگەن.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


خۇدا ئۆز ئوغلىغا دېگەن مۇنۇ سۆزنى پەرىشتىلەرنىڭ بىرەرسىگە دەپ باققان ئەمەس: «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!»


ئەيسا مەسىھ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىمىزدىن شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئۇلۇغ خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


روھانىي بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ روھانىي مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite