ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 1:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 شۇنداق ئىكەن، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر. Gade chapit la |
پادىشاھ نىبۇكادنەزەر: _ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا مەدھىيەلەر بولسۇن! ئۇ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن خىزمەتكارلىرىنى قۇتقۇزدى. ئۇلار مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۆز خۇداسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىلاھقا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلىشنى خالىماي، ھاياتىدىن كېچىشكە رازى بولۇشتى.
خۇدا بۇ پەيغەمبەرلەرگە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۈگۈنكى كۈندە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزدى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈشكە تەلپۈنىدۇ.
ئەي ئەرلەر، شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن بولغان تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ سىلەردىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭلار ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. چۈنكى، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلاردۇر. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.
بۇ سىر يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ بۇ خۇش خەۋەرگە ئىشىنىش ئارقىلىق يەھۇدىيلار بىلەن بىللە خۇدا ئاتا قىلىدىغان ھەقىقىي بايلىققا مىراسخور بولۇشىنى، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بىرلىكتە بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇپ، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بەرگەن قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.