13 خۇدا ئۆز ئوغلىغا دېگەن مۇنۇ سۆزنى پەرىشتىلەرنىڭ بىرەرسىگە دەپ باققان ئەمەس: «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!»
پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە: «ئولتۇرغىن سەن مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا، مەن دەسسەتكۈچە دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىغا.»
داۋۇت پادىشاھ ئۆزى مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن مۇنداق دېگەنغۇ: «پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ئېيتتىكى: ˜مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!Œ»
«پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ئېيتتىكى: ˜مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!Œ»
ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.
كىيدۈرىمەن دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىك تونىنى، پارلاق قىلىمەن داۋۇتنىڭ بېشىدىكى تاجىنى.»
مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان بولسا كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانى كۆردى.
داۋۇت ئۆزى زەبۇردا قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ توغرىسىدا مۇنداق دېگەنغۇ: «پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ئېيتتىكى: ˜مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!Œ»
ئىسمى ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوت كۆلىگە تاشلاندى.
مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمگە كەلسەك، ئۇلارنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىپ، كاللىسىنى ئېلىڭلار!»
ئۇلار ئېلىپ كېلىنگەندە، يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنىنى يىغىپ، سەركەردىلەرگە: _ بۇ پادىشاھلارنىڭ بوينىغا دەسسەڭلار! _ دېدى. سەركەردىلەر ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىشتى.