Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 1:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 قەدىمكى زامانلاردا، خۇدا ئەجدادلىرىمىزغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ھەر خىل يوللار بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆزلىگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 1:1
35 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمنىڭ روھىغا چۆمدۈرىمەن، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ. سۆزلىرىم ياشانغانلارغا چۈشلىرى ئارقىلىق، يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.


ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن يېزىلغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى.


ئۇ بولسا پەيغەمبەر بولۇپ، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تەختىگە ئۆز ئەۋلادىدىن بىرەيلەننى ۋارىسلىق قىلدۇرۇشقا قەسەم بىلەن ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلەتتى.


چۈنكى، ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ˜ئەۋلادىڭغا مەڭگۈ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەنŒ دەپ ۋەدە قىلغانىدى.»


بىزمۇ ھازىر بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىمىز. خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلدۈرۈش بىلەن، ئەجدادلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىسىنى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇردى! بۇ ھەقتە پادىشاھ داۋۇت زەبۇرنىڭ ئىككىنچى نەزمىسىدە ئالدىن مۇنداق خاتىرىلىگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇم. بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى جاكارلىدىم.»


سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭ دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ، سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.


پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەم شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار ياكى ئىتائەت قىلىشقا سەل قارىغانلارنىڭ ھەممىسى تېگىشلىك جازاسىنى تارتقان.


ئەجدادلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ، مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.


شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بەلگىلىدى. ئۇ كۈنى، پاۋلۇسنىڭ تۇرغان يېرىگە تېخىمۇ كۆپ كىشى كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيلار كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى.


خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ ئەبلەخنىڭ بولسا ئەڭ قىسقىسى قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، - دېيىشتى.


- بىراق، سىلەرمۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بالا تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنىسىنى قىلىش كېرەك دېگەن بۇيرۇقىنى ئادا قىلىمىز دەپ، دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ، بالىلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر. ئەمەلىيەتتە، خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئەجدادىڭلار ئىبراھىمدىن قالغان.


ئاندىن، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىلگىرى سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانىدىم. مەن: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا بايان قىلىنغان ماڭا دائىر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟


بۇنى كۆرگەن پەرۋەردىگار: _ مېنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن روھىم ئۇلاردا مەڭگۈ ياشىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆمرى 120 ياشتىن ئاشمايدۇ! _ دېدى.


لېكىن، ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھ كەلگەندە، سىلەرگە بارلىق ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئاتام ئىككىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ.


خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق جاكارلىغىنىدەك، ھەممە مەۋجۇداتلار يېڭىلىنىدىغان ۋاقىت كەلمىگۈچە، ھەزرىتى ئەيسا ئەرشتە تۇرىدۇ.


شۇنداق ئىكەن، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇلۇشقا كۆز يۇمساق، قانداقمۇ شۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! قۇتقۇزۇلۇش خەۋىرىنى دەسلەپتە رەببىمىز ئۇقتۇرغان، ئۇنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار بۇ قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ھەقلىقى توغرىسىدا بىزگە گۇۋاھلىق بەرگەن.


مۇسا پەيغەمبەر بىر خىزمەتكار بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ خىزمىتى بولسا خۇدانىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاشكارىلىماقچى بولغان ھەقىقەتلىرىگە زېمىن ھازىرلاشتىن ئىبارەت ئىدى.


ئەگەر خۇدانىڭ ئاراملىقى ئەجدادىمىز يەشۇ ئىسرائىللارنى خۇدا بېرىشكە ۋەدە قىلغان قانان زېمىنىغا باشلاپ كىرگەندىكى ئاراملىق بولسىدى، خۇدا كېيىن يەنە ئاراملىق ھەققىدە توختىلىپ، «بۈگۈن» دېمىگەن بولاتتى.


خۇددى شۇنىڭدەك ئەيسا مەسىھمۇ باش روھانىي مەرتىۋىسىگە ئۆزلۈكىدىن ئېرىشكەن ئەمەس. بەلكى خۇدا ئۇنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، بۈگۈن مەن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى جاكارلىدىم» دېگەن.


مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەربىر ئەمرىنى پۈتۈن خەلققە ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، موزاي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان قېنىنى قىزىل يۇڭ يىپتا باغلانغان مارجانگۈل بىلەن قانۇن دەستۇرىغا ۋە پۈتۈن خەلققە سەپتى.


ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق ئېتىقاد بىلەن خۇدانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.


سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ئالەمدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار بۇنداق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتىكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلساق، ئۇ جازادىن بىز قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز!؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite