9 بۇ ئىبادەتخانىنىڭ كەلگۈسى بۇرۇنقىدىنمۇ پارلاق بولىدۇ. مەن بۇ يەردە ئۇلارغا تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىمەن! بۇ مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر!»
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.
سىلەرگە ئامانلىق قالدۇرىمەن، ئۆز ئامانلىقىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە تەقدىم قىلغىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار.
«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.
«ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپلەر بولسۇن! ئۇنىڭ يەر يۈزىدە يېقىن كۆرگەن بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېيىشتى.
قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئۇلۇغ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانىكەنسىلەر، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىماڭلار.
سىلەر خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانغۇ. خۇدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى.
ئۇ بىزگە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئاسسۇرلار زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، قورغانلىرىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، بىز ئۇلارغا قارشى يەتتە نەپەر يېتەكچى ۋە سەككىز نەپەر سەركەردە تەيىنلەپ، ئۇلارغا زەربە بېرىمىز.
قېدارنىڭ قويلىرى يېنىڭغا توپ-توپ بولۇپ يىغىلىدۇ، نىبايوتنىڭ قوچقارلىرى قۇربانلىق قىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا قىلغان قۇربانلىقىڭ قوبۇل بولىدۇ، مەن شەرەپلىك ئىبادەتخانامنى چوقۇم شەرەپلىك قىلىمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمغا خۇددى دەريادەك خاتىرجەملىك ئاتا قىلىمەن، خۇددى تاشقىن ئېقىنلاردەك ھەممە ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىنى ئۇنىڭغا ئەكېلىپ بېرىمەن. سىلەر ئانا ئۆزى ئېمىتىپ باققان بالىدەك، ھاپاش قىلىنىسىلەر، قۇچىقىدا ئەركىلىتىلىسىلەر.
ئىبادەتخانىنىڭ بۇرۇنقى ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈشى كىمنىڭ ئېسىدە بار؟ قاراپ بېقىڭلار! بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھازىرقى ھالىتى قانداق؟ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىدىن ئەسەر بارمۇ؟
پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن ئۆزۈم يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا ئوت سېپىلى، ئىچىدە شان-شەرىپى بولىمەن!»
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنى كۆتۈرۈپ، ئىچكىرىكى ھويلىغا ئېلىپ كىردى. ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغانىدى.