8 كۈمۈش مېنىڭكىدۇر، ئالتۇنمۇ مېنىڭكىدۇر.
پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا، ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات، يەر يۈزى ھەم ئۇنىڭدا ياشىغۇچى ھەممە مەخلۇقات.
تۇچنىڭ ئورنىغا ئالتۇن، تۆمۈرنىڭ ئورنىغا كۈمۈش، ياغاچنىڭ ئورنىغا تۇچ، تاشنىڭ ئورنىغا تۆمۈر ھەدىيە قىلىمەن. ئامانلىقنى يېتەكچىڭ، ھەققانىيلىقنى نازارەتچىڭ قىلىمەن.
لىۋاننىڭ شان-شەرىپى بولغان قارىغايلار، شەمشادلار، كىپارىسلار ساڭا مەنسۇپ بولۇپ، مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بېزەيدىغانغا ئىشلىتىسەن، مەن دەسسەپ تۇرغان يېرىمنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن.
ئۇ سەندىن توختىماي رەھىم تىلەپ، ساڭا ئىللىق سۆزلەرنى قىلامدۇ؟