Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھاگاي 2:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 «سەن يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ئېيتقىن. مەن ئاسمان-زېمىننى زىلزىلىگە سالىمەن.

Gade chapit la Kopi




ھاگاي 2:21
14 Referans Kwoze  

پادىشاھ دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شىئالتېلنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ۋە يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋاغا ۋەھىي كەلدى.


شالتىئېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى قايتىدىن باشلىدى. ھاگاي ۋە زىكىرىيا پەيغەمبەرلەرمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ياردەمدە بولدى.


گۇمران بولدى شاھلىقلار، غوۋغا كۆتۈرۈپ خەلقلەر. جاراڭلىسا رەببىمىزنىڭ ئاۋازى يەر-زېمىن ئېرىپ كېتەر.


پەرۋەردىگار شىئالتېلنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە بارلىق خەلقنى روھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى باشلىۋەتتى.


پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن نەرە تارتىپ، يېرۇسالېمدىن گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلىگەندە، ئاسمان-زېمىن لەرزىگە كېلىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ پاناھگاھى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قورغىنى بولىدۇ.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر شەھىرى، سېنىڭ ھالاك بولغانلىقىڭنىڭ خەۋەرلىرى، سەندىكى قىرغىننىڭ چۇقانلىرى ۋە يارىدارلارنىڭ ئازابلىق ئىڭراشلىرى دېڭىز ياقىلىرىدىكى باشقا خەلقلەرنى قورقۇنچقا سالمامدۇ؟!


زىرۇببابەل، يوشۇۋا، نەخەمىيا، سىرايا، رىئېلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلدى. سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىل ئەرلىرىنىڭ سانى:


پىدايانىڭ ئوغۇللىرى: زىرۇببابەل ۋە شىمئى. زىرۇببابەلنىڭ مىشۇللام، خانانيا ئىسىملىك ئوغۇللىرى ۋە شىلومىت ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى.


ۋەيران بولىدۇ، ۋەيران بولىدۇ، مەن يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىمەن. لېكىن شەھەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى كەلمىگۈچە، بۇ ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ، بۇ شەھەرنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite